تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

قاراقاش ناھىيەسى ساياھەت كىچىك بازىرى بەرپا قىلدى، كەنت ئاھالىلىرى ئىشىك ئالدىدىلا «ساياھەت تامىقى» يېدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز چىن جىنلى خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئايدىكى «يۈخې كىچىك بازىرى»دا كەڭ، راۋان ئاسفالت يوللار، گىرەلىشىپ كەتكەن، رەڭلىرى روشەن بولغان «ئايۋاڭ» ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبتىكى تۇرالغۇلار، تام يۈزىدە چىرايلىق سىزىلغان قول سىزمىلار بار بولۇپ، ئاشخانا، تۈرلۈك ساياھەت تاۋارلىرى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى دۇكانلىرى قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى... بۇ خاس ساياھەت كىچىك بازىرى قاراقاش ناھىيەسى شەھەر رايونىنىڭ جەنۇبىغا ئىككى كىلومېتىر كېلىدىغان قاراقاش ناھىيەسىنىڭ جاھانباغ يېزىسى داراسكال كەنتىگە جايلاشقان.

  «ئايۋاڭ» خاس تۇرالغۇ، دېھقانلار ئارامگاھى

  9-ئاينىڭ 13-كۈنى، تېخى چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولمايلا، كىچىك بازاردىكى نەبى دېھقانلار ئارامگاھى ئىككى ئۈستەل مېھماننى جەلپ قىلدى، دېھقانلار ئارامگاھىنىڭ ئىگىسى نەبى خۇشال ھالدا ئاشخانىدا تەييارلىق قىلدى، كاۋاپ، بېلىق كاۋىپىدىن باشقا، مېھمانلار يەنە بۇ يەرنىڭ خاس ئۆردەك پۇتى پولوسىنى بۇيرۇتتى. نەبى قەلبىدىكى خۇشاللىقىنى باسالماي مۇنداق دېدى: «تۈنۈگۈن ئالتە ئۈستەل ساياھەتچى كۈتۈۋالغانىدۇق، بۈگۈن قارىغاندا كىرىم يامان ئەمەس يەنە بىر ھەپتە ئاخىرى بولىدىغان ئوخشايدۇ!»

  نەبى دېھقانلار ئارامگاھى ئەنجۈر دەرەخلىرى ئارىسىدا كۆزگە تاشلىنىپ تۇراتتى، يېڭى، سۇس سېرىق رەڭلىك ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلار، تاملارغا مىللىي ئالاھىدىلىككە ئىگە قولدا سىزىلغان رەسىملەر سىزىلغان بولۇپ، تاملاردىكى نەپىس ئىشلەنگەن تەشمە نەقىشلىك دېرىزىلەردىن كوچىلاردىكى چىرايلىق ئېچىلغان گۈللەر ۋە ئۇدۇلدىكى يېشىللىققا پۈركەنگەن ھويلىلارنى كۆرگىلى بولاتتى. پات-پات ساياھەتچىلەرنى ئېلىپ ماڭغان ئات ھارۋىلىرى ئۆتۈپ، ئات تۇيىقىنىڭ «دۈپۈرلىگەن» يېقىملىق ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى. ھازىر، دەل ئەنجۈرنىڭ پىشىش پەسلى بولۇپ، تاماق ساقلاش ئارىلىقىدا مېھمانلار ھويلىدىكى ئەنجۈر دەرىخىدىن ئەمدىلا ئۈزۈلگەن ئەنجۈرنى يەپ، ئۇنىڭ بىر قىسمىنى ئوراپ، ھېسابات قىلغاندا ئېغىرلىقى بويىچە نەبىگە پۇل تۆلىدى.

  «ئىلگىرى ئىشىك ئالدىدىلا ساياھەتچىلىككە تايىنىپ ياخشى تۇرمۇش كەچۈرەلەيدىغانلىقىمنى ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن!» دېدى نەبى، 2019-يىلى، يەرلىك ھۆكۈمەت داراسكال كەنتىدىكى 370 مىڭ كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق رايونغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ باردى. 430 ئائىلىلىك ئاھالە تۇرالغۇسىنىڭ ئەسلىدىكى ئۇسلۇبىنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، تام سىرتىنىڭ تىك يۈزىنى مۇستەھكەملىدى، ئەسلىگە كەلتۈردى، رەڭ بەردى ھەمدە كەنتتىكى ئۈچ كوچىنى قاتتىقلاشتۇرۇپ، كۆكەرتىپ، بەلگە تاختىسى ئورناتتى، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى، كىچىك مەيدان، ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىقلارنى سالدى. كىچىك كەنتنى ساياھەت، كۆڭۈل ئېچىش، ئىستېمال بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال ساياھەت كىچىك بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، ئۇنىڭغا «يۈخې» دەپ ئىسىم قويدى.

  يۈخې كىچىك بازىرىنىڭ كوچا مەنزىرىسى

  2019-يىلى 10-ئايدا، خاس ساياھەت كىچىك بازىرى قۇرۇلۇشى تاماملىنىپ، كەنتكە كېلىپ ساياھەت قىلىدىغان، تاماق يەيدىغان ساياھەتچىلەر كۆپەيدى. ئىلگىرى دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدىغان نەبىمۇ ئۆزىنىڭ ئىككى ئېغىز ئۆيىنى تازىلاپ، دېھقانلار ئارامگاھى ئاچتى.

  نەبىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ئاشلىق تۈگمىنىدە، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىرنەچچە ساياھەتچىگە بۇغداي، گۈرۈچنى قول بىلەن پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىدىن ئۈلگە كۆرسىتىۋاتاتتى، ساياھەتچىلەر بۇنى زوق-شوق بىلەن كۆردى، يەنە پات-پات ئۆزلىرى مەشغۇلات قىلىپ، مېڭىش ئالدىدا يەنە بىر نەچچە خالتا تاش تۈگمەن بۇغداي ئۇنى قاتارلىق بۇيۇملارنى سېتىۋالدى.

  بۇ ھەپتە ئاخىرىدا، قاشتېشى دۇكىنى ئاچىدىغان مەمتىمىن مەمەتتوختى ئوخشاشلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى: «نۇرغۇن خېرىدارلار خوتەن شەھىرى، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلاردىن بۇ يەرگە ساياھەتكە كەپتۇ.» دېدى ئۇ، كەنت گۈزەللەشتى، ساياھەتچىلەر تېخىمۇ كۆپەيدى، ياخشى كۈنلەر كەلدى. 2019-يىلى دۇكان ئېچىشتىن بۇرۇن، مەمتىمىن ئىزچىل يەر تېرىشقا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، بىر يىللىق كىرىمى ئاران نەچچە مىڭ يۈەن ئىدى، ھازىرقى ئەھۋالغا ئاساسەن، ئىككى-ئۈچ ئايدىلا ئىلگىرىكى بىر يىللىق كىرىمنى تاپالايتتى.

  جاھانباغ يېزىسى قاراقاش ناھىيەسىدىكى داڭلىق «بېلىق ۋە گۈرۈچ ماكانى» بولۇپ، 10 مىڭ مودىن ئارتۇق شال تېرىيدۇ. سۇ بايلىقى مول داراسكال كەنتىدە، قويۇق مىللىي ئۆرپ-ئادەت پۇرىقى بولۇپلا قالماي، يەنە بۈك-باراقسان ئەنجۈر ئۈزۈش باغچىسى، بېلىق تۇتۇش باغچىسى قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىزچىل شۇ جايدىكىلەر ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئالىدىغان ياخشى جاي بولۇپ كەلدى. بۇ كەنت ناھىيە بازىرىغا بىرقەدەر يېقىن، ئەتراپتا يەنە ۋوگزال، يولۇچى توشۇش بېكىتى بار، يولۇچىلار مىقدارى كۆپ. «دەل مۇشۇ ئەۋزەللىكلەر سەۋەبىدىن، ناھىيە ئۇنى خاس ساياھەت كىچىك بازىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشنى قارار قىلدى» دېدى قاراقاش ناھىيەلىك مەدەنىيەت-تەنتەربىيە-رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ گاۋۋېي، كەنتنى ئۆزگەرتىشتىكى مەقسەت تېخىمۇ كۆپ كەنت ئاھالىسىنىڭ «ساياھەت تامىقى» يېيەلىشى ئۈچۈندۇر.

  بىر نەچچە ئايلىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، كىچىك بازارنىڭ ئومۇمىي قىياپىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپ، بۇ يەر خوتەنگە كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت مەنزىلىنىڭ بىرىگە ئايلاندى. «بۇ يىل 1-ماي مەزگىلىدە، ساياھەتچىلەر ئەڭ كۆپ بولغاندا، ھەر كۈنى 2000دىن ئاشتى» دېدى جاڭ گاۋۋېي، ساياھەتچىلەرنىڭ سىجىل كۆپىيىشى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ساياھەت كەسپىگە كىرىشىش ئاكتىپلىقىغا تۈرتكە بولدى، كىچىك بازاردا كەنت ئاھالىلىرى ئۈزلۈكسىز ساياھەت كەسپىگە قاتناشتى، نۆۋەتتە خاس ئالاھىدىلىككە ئىگە يېمەك-ئىچمەك دۇكىنىدىن 15ى، دۇكاندىن 113ى، دېھقانلار ئارامگاھىدىن ئۈچى، ئۈزۈش باغچىسىدىن ئۈچى، شال پىششىقلاش، ئۇن تارتىش، ياغ تارتىش ئۆيى قاتارلىق كىچىك ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنىدىن يەتتىسى بار بولۇپ، ئۆزگەرتىلىشتىن ئىلگىرىكىدىن كۆرۈنەرلىك كۆپ بولدى. ساياھەت كەسپى كەنتتىكى 200دىن ئارتۇق ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىنىڭ مۇقىم كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

  جاڭ گاۋۋېي مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، يۈخې كىچىك بازىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 3A دەرىجىلىك مەنزىرە رايونىنى پائال بەرپا قىلماقتا. (سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن)

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى