تىيانشان تورى   ›   گۈزەل جۇڭگو   ›   سۈرەتتىكى دۇنيا

جياڭسۇ يەنچېڭ: دېڭىز ساھىلى سۇلۇق يېرىدە قانداغاي توپى چېپىپ يۈرمەكتە

  خەلق تورى خەۋىرى: دافېڭ قانداغاي (ئۇزۇن قۇيرۇقلۇق بۇغا) دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى شىمالىي جياڭسۇ دېڭىز قىرغىقى بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، تىپىك دېڭىز ساھىلى سۇلۇق يېرى ھېسابلىنىدۇ، ئومۇمىي كۆلىمى 78 مىڭ گېكتار، يەر شەكلى ئورمانلىق، قومۇشلۇق، ئوتلاق، سازلىق، شورلۇق يەرلەردىن تەركىب تاپقان، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ قانداغاي تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى ھېسابلىنىدۇ.

  يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدا قانداغاينىڭ سانى ئۈزلۈكسىز كۆپىيىپ، سۇلۇق يەردە جەمئىي 5681 قانداغاي بار بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياۋايى قانداغاي تۈر توپى 1820 بولۇپ، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قانداغاي تۈر توپىغا ئايلاندى، سانى دۇنيا قانداغاي ئومۇمىي سانىنىڭ %60ىدىن ئاشىدۇ.

گۇ چاڭۋاڭ فوتوسى/خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى