تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلغان لېي موماي: كۆپچىلىكنىڭ مەن بىلەن بىللە ئورمان ياڭىقى دەرىخى ئۆستۈرۈپ بېيىشىنى ئويلايمەن

  ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ليۇ يىمىڭ): 9-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى جىمىسار ناھىيەسى چىڭياڭخۇ يېزىسى دۇڭچىڭ كەنتىدە، دەرەختە ساڭگىلاپ تۇرغان ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈزۈپ بولۇنغان ئىدى. «ئازراقلا ئېشىپ قالدى، يەنە ئۈچ-تۆت كۈنگىچە ھەممىسىنى يىغىۋالىمىز» دېدى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى 82 ياشلىق كەنت ئاھالىسى، ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرۈش بېغىنىڭ ئىگىسى لېي شۇجىن.

لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقى مېغىزى قۇرۇتماقتا.

  لېي شۇجىننىڭ ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرۈش بېغى 50 مو كېلىدۇ، ئۇنى بەك چوڭ دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئورمان ياڭىقى بېغى چىڭياڭخۇ يېزىسىدىكى بىردىنبىر ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرىدىغان بازا ھېسابلىنىدۇ.

  «ناھىيە بويىچە 100 مودىن ئارتۇق يەرگە ئورمان ياڭىقى تېرىلغان بولۇپ، لېي موماينىڭ ئائىلىسى ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆلىمى چوڭ، ئەڭ بالدۇر ئۆستۈرۈشكە باشلىغان ئائىلە ھېسابلىنىدۇ» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك تەبىئىي بايلىق ئىدارىسى ئورمانچىلىق پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن پونكىت باشلىقى جاڭ شياۋپىڭ، ئۇنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، تەبىئىي مۇھىت نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، جىمىسار ناھىيەسى ئورمان ياڭىقى دەرىخىنى ئۆستۈرۈشكە ماس كېلىدىكەن. «ئورمان ياڭىقىنىڭ  كۈندىلىك پەرۋىشى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرنى پەرۋىش قىلىشتىن ئانچە چوڭ پەرقلەنمەيدۇ، ئورمان ياڭىقى دەرىخىنىڭ مايسا مەزگىلى ئۇزۇن، تۆت-بەش يىلدا بىر قېتىم مېۋە بېرىدىغان بولغاچقا، كۆپ كىشىلەر ئۆستۈرۈپ كەتمەيدۇ. بىراق ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسى باشقا مېۋىلىك دەرەخلەرگە قارىغاندا ياخشى».

لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقى.

  82 ياشلىق لېي موماي نېمە ئۈچۈن يېزىدىكى تۇنجى ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرگەن كىشى بولۇپ قالدى؟ «چۈنكى ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ياخشى، مەن ئۇنى ياخشى ئۆستۈرۈپ، كۆپچىلىككە ئەمەلىي ئۈنۈمىنى بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىرلىكتە تېرىپ كۆپچىلىك بىلە بىللە بېيىشنى ئويلىدىم» دېدى لېي شۇجىن تېلېفوندا سەۋەبىنى ئېيتىپ.

  ئىلگىرى، لېي شۇجىن مېۋىلىك بېغىدا تاشئالما ۋە ئالما ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، پايدىسى ئادەتتىكىدەك ئىدى. 2011-يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى مۇتەخەسسىسىنىڭ لىكسىيەسىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقىنىڭ ئىقتىسادىي پايدىسىنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندى، ئەمما ئۇ مۇتەخەسسىسلەردىن ئۆز نۆۋىتىدە يۇقىرى پايدىغا ئېرىشىش ئۈچۈن ئۇزۇن مۇددەت بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى بىلدى.

  «ئۇنداقتا مەنمۇ سىناپ باقاي» دېدى لېي شۇجىن، ئۇ قەتئىي نىيەتكە كېلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ چەت ئەلدىن كىرگۈزگەن ئورمان ياڭىقى ئۇرۇقىنى ئۆزىنىڭ مېۋىلىك بېغىدا سىناپ ئۆستۈرۈشكە باشلىدى.

لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىدىن مول-ھوسۇل ئالدى.

  «لېي مومايغا قول قويىمەن، يېشى چوڭ بولسىمۇ، ئۆگىنىشنى خالايدۇ. بىزنىڭ بۇ يەردە ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرىدىغان ئادەم ئاز بولغاچقا، باشقىلارنىڭ تەجرىبىسىنى يەكۈنلەش ئىمكانىيىتى يوق، ئۇ دائىم ناھىيە، ئوبلاست ۋە ئاپتونوم رايوندىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەلىم ئالدى، تەربىيەلىنىش ۋە ئۆگىنىش پۇرسىتى بولسىلا قاتناشتى» دېدى چىڭياڭخۇ يېزىلىق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتچىسى ياڭ لۇفەن.

  «مەن ئورمان ياڭىقىنى 2011-يىلىدىن باشلاپ ئۆستۈرۈشكە باشلىغان، دەسلەپتە قانداق ئۆستۈرۈشنى بىلمىدىم، بىر تەرەپتىن ئۆگىنىپ، بىر تەرەپتىن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزدۈم، ئالدىنقى تۆت يىلدا كىرىم بولمىدى، بەشىنچى يىلىدىن باشلاپ ئورمان ياڭىقى مېۋىلىدى، ھەر مو يەردىن 200 كىلوگىرام ئەتراپىدا ھوسۇل ئالدىم» دېدى لېي شۇجىن، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئورمان ياڭىقىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى ھەر كىلوگىرامى 40-60 يۈەن بولۇپ، تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە، ھەر مو يەردىن  7000-8000 يۈەن ساپ كىرىم قىلىدىكەن. ئورمان ياڭىقىنىڭ پىشىش مەزگىلىدە، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى، كەنت كادىرلىرى ۋە يېزىدىكى كادىرلار كېلىپ ئۈزۈشكە ياردەملىشىپتۇ.

  10 يىلغا يېقىن ئۆستۈرۈش ۋە ئىزدىنىش داۋامىدا، لېي شۇجىن ئۆستۈرگەن ئورمان ياڭىقىنىڭ سۈپىتى سودىگەرلەرنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشكەن.

ئورمان ياڭىقىنىڭ كۆپ قىسمى ئۈزۈپ بولۇندى.

  سودىگەر خۇاڭ فاپېڭ مۇنداق دېدى: «بۇ موماي شەرقى ئۈچ ناھىيە(گۇچۇڭ ناھىيەسى، مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسى) بويىچە تۇنجى بولۇپ ئورمان ياڭىقى ئۆستۈرگەن، ئۇنىڭ ئورمان ياڭىقىنىڭ سۈپىتى ياخشى، پاكىز، دانىسى چوڭ، مېۋىسى تولغان، ھەر يىلى ئۇنىڭدىن تۆت-بەش توننا ئورمان ياڭىقى سېتىۋېلىپ، ئۇششاق يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەپ چىقىرىمىز، ناھايىتى ياخشى سېتىلىدۇ».

  شۇ يەردىكى نۇرغۇن كەنت ئاھالىسى بۇ ئورمان ياڭىقىنىڭ نامىنى ئاڭلاپ، بۇ يەرگە كېلىپ كۆچەت سېتىۋېلىپ، ئۆستۈرۈش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، كىچىككىنە ئورمان ياڭىقىغا تايىنىپ بېيىش يولىغا ماڭدى. ھازىر، لېي شۇجىن ئورمان ياڭىقى مېۋىسى سېتىپلا قالماي، يەنە ئورمان ياڭىقى كۆچىتى ئۆستۈرۈشكە باشلاپ، سېتىش تۈرلىرىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، كىرىمىنى ئاشۇردى.

  «كۆپچىلىك بىلەن بىللە ئۆستۈرۈپ، كەلگۈسىدە جىمىسار ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈش بازىسى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جەلپ قىلىپ، ئۇلارغا ئورمان ياڭىقىنى بىلدۈرسەك، كۆپچىلىك تەڭ باي بولالايمىز» دېدى لېي شۇجىن.

  ئورمان ياڭىقىنىڭ «قاتتىق پوستلىق مېۋە شاھى» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئۇنىڭ تەركىبىدە ئادەم بەدىنىگە زۆرۈر بولغان سەككىز خىل ئاممۇنىي كىسلاتاسى، شۇنداقلا كۆپ خىل مېكرو ئېلېمېنت ۋە مىنېرال ماددا بار، قان تومۇرنى يۇمشىتىش، بەدەننى قۇۋۋەتلەش، كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش، مېڭىنى ساغلاملاشتۇرۇش قاتارلىق ئۈنۈمىگە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى