شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭ سانى كۈنسېرى ئاشتى، كۈزلۈك ساياھەت تەدرىجىي جانلاندى. يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى دۆلەت بايرىمىلىق دەم ئېلىشنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، قەشقەر ۋىلايىتى مەنزىرە رايونلىرىنىڭ كىرىش بېلىتىنى كەچۈرۈم قىلىش، مېھمانساراي ياتاق باھاسىدا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق كۆپ خىل تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى كېلىپ بۇ جاينىڭ ئۆزگىچە مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھېس قىلىشقا جەلپ قىلدى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ما كەي فوتوسى