شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى لوپنۇر ناھىيەسىدە بۇ يىل بىر مىليون مو كېۋەز تېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز 960 مىڭ مو. پاختا يىغىشنى ماشىنىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنى چىڭ تۇتۇش ئۈچۈن، لوپنۇر ناھىيەسى پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بازىرىنى بىرىكتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمەت سۇپىسى ھازىرلاپ، ماشىنا بىلەن يىغىۋېلىش، يەر ئاغدۇرۇش، بىرلەشمە تېرىش، لازېر نۇرلۇق يەرنى تۈزلەش، قالدۇق سۇلياۋ يوپۇقنى يىغىۋېلىش، ئۆسۈملۈك ئاسراش ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئارقىلىق مۇداپىئەلىنىش قاتارلىق تۈرلەرنى ئۈنۈملۈك قوبۇل قىلىپ، «ئاغدۇرۇش، تېرىش، پەرۋىش قىلىش، يىغىۋېلىش» بىر گەۋدە قىلىنغان ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەتنى يولغا قويدى.
9-ئايدا، كۈزلۈك يىغىم پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، لوپنۇر ناھىيەسىدىكى دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەكشۈرۈش، رېمونت قىلىش ۋە تەييارلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى، ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا ئالدىراش مەنزىرە نامايان بولدى.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى