تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېچىۋېتىلدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز گو لىڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر لۇ شەنشەن خەۋىرى): ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئايروپورتنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 5تە، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسى ئېچىۋېتىلىپ، توققۇز ئاۋىياتسىيە شىركىتى T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كۆچۈپ كىرىپ تىجارەت قىلىدىكەن.

   9-ئاينىڭ 14-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ ئايرودۇرۇمى گۇرۇھى ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئايرودۇرۇمنىڭ ئەمەلىي تىجارەت ئەھۋالىغا ئاساسەن، ھازىر T3 ئاۋىياتسىيە بىناسىنى ئىشلىتىۋاتقان ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيەسى UQ، تيەنجىن ئاۋىياتسىيەسى GS، چاڭئەن ئاۋىياتسىيەسى 9H، فۇجوۋ ئاۋىياتسىيەسى FU، پايتەخت ئاۋىياتسىيەسى JD، گۇيلىن ئاۋىياتسىيەسى GT، غەربىي رايون (شىبۇ) ئاۋىياتسىيەسى PN، جىنپېڭ ئاۋىياتسىيەسى Y8، شياڭپېڭ ئاۋىياتسىيەسى 8L قاتارلىقلار 9-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر سائەت 5تە T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىغا كۆچۈپ كىرىپ تىجارەت باشلايدىكەن.

   شۇ چاغدا، T2 ئاۋىياتسىيە بىناسىدىكى 21-نومۇرلۇقتىن 32-نومۇرلۇققىچە بولغان ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پۇكىيىدە يۇقىرىقى توققۇز ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە 21-نومۇرلۇق ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پۇكىيىدە بىرىنچى دەرىجىلىك بۆلمە، سودا ئىشلىرى بۆلمىسى، جىنكا، يىڭكالىق يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرگىلى بولىدۇ، 32-نومۇرلۇق ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتى بېجىرىش پۇكىيىدە ياشانغان، ئاجىز، كېسەل، مېيىپ، ھامىلىدار قاتارلىق ئالاھىدە يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيەتلىرى بېجىرىلىدۇ.

   ئىگىلىنىشىچە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى داۋاملىق قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسىغا كىرىشتە تېمپېراتۇرا ئۆلچەيدىكەن، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى ئىچىنى ئاز دېگەندە بىر كۈندە ئۈچ قېتىم دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرىدىكەن، ئايروپىلان كۈتۈش بىناسى قاتارلىق نۇقتىلىق رايونلاردا دائىملاشقان مۇھىتنى نازارەت قىلىش-ئۆلچەشنى قانات يايدۇرىدىكەن، يولۇچىلار ئايروپىلانغا چىقىش ئۈچۈن ئۆچرەتتە تۇرۇشى، بىخەتەر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك ئىكەن، ھەم نۆۋەتچى ئايروپىلاننى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش قاتارلىقلارنى ھەرتەرەپلىمە ياخشى ئىشلەيدىكەن.

   ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى مۇنۇلارنى ئەسكەرتتى: يولۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ رەسمىيەت بېجىرگەندە، ئايروپىلانغا چىقىش گۇۋاھنامىسىنى، راۋان يۈرۈش كودىنى تەييارلاپ، يۈك-تاق ۋە كىچىك بالىلارغا ياخشى قارىشى، ماسكىنى توغرا تاقىشى ھەمدە بىر مېتىر ئارىلىق ساقلىشى كېرەك. ئەگەر ئايروپىلانغا چىقىشتا ھەر قانداق گۇمانى بولسا، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى خېرىدارلار مۇلازىمەت مەخسۇس لىنىيەسى 0991-96556 گە تېلېفون بەرسە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى