تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تۇنجى «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى قايتقان نۆۋەتچى پويىزى يولغا چىقتى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز ياڭ لې، ۋۇ چى خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، 252 توننا ئىمپورت قىلىنغان پاختا يىپ بېسىلغان كونتېينېرلىق يۈك پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن لەنجوۋ دۇڭچۇەن ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى، بۇ «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق قايتقان نۆۋەتچى پويىز بولۇپ، بۇ، ئېغىر يۈك بېسىپ بېرىپ، ئېغىر يۈك ئېلىپ قايتىشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن لەنجوۋ دۇڭچۇەن ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى.

  بۇ يىل 6-ئاينىڭ 5-كۈنى، تۇنجى «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى لەنجوۋ دۇڭچۇەن ۋوگزالىدىن قوزغالغاندىن كېيىن شىنجاڭ قەشقەر ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەن، ئاندىن تاشيول ئارقىلىق ئەركەشتام پورتىدا چېگرادىن چىقىپ قىرغىزىستاننىڭ ئوشقا بېرىپ، ئارقىدىن يەنە تۆمۈريول ئارقىلىق ئۆزبېكىستان پايتەختى تاشكەنتكە يېتىپ بېرىپ، ئوتتۇرا غەربىي ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان، ياۋروپانى قاپلىغان يېڭى بىر خەلقئارا سودا يولىنى شەكىللەندۈرگەن، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قازاقىستاندىن ئۆتۈپ ئاندىن ئۆزبېكىستانغا بارىدىغان ئەنئەنىۋى لىنىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا، توشۇش ۋاقتى تەخمىنەن بەش كۈن ئەتراپىدا تېجەلگەن، بۇ يەنە، دۆلەت ئىچىدىكى تۇنجى قېتىملىق «تۆمۈريول-تاشيول-تۆمۈريول» كۆپ خىل بىرلەشمە تىرانسپورت شەكلىنى تەشكىللەپ قاتنىغان جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ھېسابلىنىدۇ.

  «ئېغىر يۈك بېسىپ بېرىپ، ئېغىر يۈك ئېلىپ قايتىش خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ تىرانسپورت ئۈنۈمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قوش يۆنىلىشلىك تەكشى تىرانسپورتنى ئەمەلگە ئاشۇردى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھ چەكلىك شىركىتى قەشقەر يۈك تىرانسپورت مەركىزى قەشقەر تىجارەت بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى چاڭ جۈن، تىرانسپورتنىڭ ۋاقىتچانلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تۆمۈريول تارماقلىرى يۈك يېتىپ بارغان بىرىنچى ۋاقىتتىلا يۈك قاچىلاش، توشۇشقا تەشكىللەپ، تىرانسپورت جەريانىغا سەرپ بولىدىغان ۋاقىتنى ئىلگىرىكىدىن 11 سائەتكە يېقىن قىسقارتقان.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قەشقەر ۋوگزالىدىن لەنجوۋ دۇڭچۇەن ۋوگزالىغا قاراپ يولغا چىقتى.

  ئىگىلىنىشىچە، «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن كېيىن، قەشقەر ۋوگزالى تاشيول-تۆمۈريولدا ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش، ئاپتوموبىل گۇرۇپپىلاش، پويىز قاتناش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، قەشقەر ۋوگزالىنىڭ تىرانسپورت كۈچى ۋە تىرانسپورت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.

  «جۇڭگو-قىرغىزىستان-ئۆزبېكىستان» تاشيول-تۆمۈريول بىرلەشمە تىرانسپورتى خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزىنىڭ بېرىش مۇساپىسىدە ئېكسپورت قىلىدىغىنى ئاساسلىقى ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى، قايتىش مۇساپىسىدە ئاساسلىقى پاختا يىپ ئىمپورت قىلىدىغان بولۇپ، بۇنىڭدىن كېيىن بۇ توشۇش يولىنىڭ تەدرىجىي يېتىلىپ، نۆۋەتچى پويىزنىڭ قاتناش قېتىم سانىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، ئېلېكتىرولىزلانغان مىس، ئالتۇندىن خىللانغان مېنىرال، كالىيلىق ئوغۇت قاتارلىق ماللار دۆلەت ئىچىگە ئىمپورت قىلىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى