9-ئاي كىرىپ، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق يايلىقىدا ئەتىياز ۋە يازدىن ئىبارەت ئىككى پەسىلنى ئۆتكۈزگەن چارۋىچىلار يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان كۈزلۈك يايلاق كۆچۈشنى باشلىدى، مىليون تۇياقتىن ئارتۇق چارۋا ئارقا-ئارقىدىن بايىنبۇلاق يازلىق يايلىقىدىن كۈزلۈك يايلاققا كۆچتى.
ھەر يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، بايىنبۇلاق يايلىقىدا مىليوندىن ئارتۇق چارۋا يازلىق يايلاقتىن كۈزلۈك يايلاققا كۆچىدۇ. كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش 9-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدۇ، كۈزلۈك يايلاق كۆچۈش بايىنبۇلاق يايلىقىدا بىر يىلدا تۆت قېتىم ئېلىپ بېرىلىدىغان يايلاق كۆچۈش جەريانىدىكى كېتىدىغان ۋاقتى ئەڭ قىسقا بولغان بىر قېتىملىق يايلاق كۆچۈش ھېسابلىنىدۇ.
شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى