تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جيەنگاڭ خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 12-كۈنى، قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا شىنجاڭ قومۇل شەھىرى باركۆل ئوتلىقى ئاسمىنىدا قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى. باركۆل ئوتلىقى پەسىل قۇشلىرى كۆچكەندە توختاپ ئۆتىدىغان مۇھىم جايلارنىڭ بىرى بولۇپ، ھەر يىلى 9-ئايدا تۈمەنلىگەن قارامتۇل كۈل رەڭ تۇرنا بۇ يەرگە كېلىپ، ئوتلاق، ئېتىزلاردا ئارام ئېلىپ ئوزۇق ئىزدەيدۇ، كۆكتە ئەگىپ پەرۋاز قىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پەسىل قۇشلىرىنىڭ ماكانى بولغان باركۆل ئوتلىقىدىكى سۇلۇق يەرلەر قوغدىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت سىجىل ياخشىلىنىپ، قۇشلارنى ياخشى مۇھىت بىلەن تەمىنلەپ، ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان گۈزەل مەنزىرە شەكىللەندى.