تىيانشان تورى خەۋىرى(ئىختىيارىي مۇخبىر چۆ.خۇرە خەۋىرى، فوتوسى): 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، چارۋىچىلار قوي پادىلىرىنى ھەيدەپ بايىنبۇلاق ئوتلىقىدىن يەنجى ئويمانلىقى دېھقانچىلىق رايونىدىكى كۈزلۈك چارۋىچىلىق مەيدانىغا قاراپ ماڭدى. 9-ئاي كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەسى بايىنبۇلاق ئوتلىقىدا ئەتىياز ۋە ياز پەسلىنى ئۆتكۈزگەن چارۋىچىلار يىلدا بىر قېتىملىق كۈزلۈك ئوتلاق كۆچۈشنى باشلىدى، مىليون تۇياق چارۋا بايىنبۇلاقتىكى يازلىق ئوتلاقتىن كۈزلۈك ئوتلاققا كۆچتى، چارۋىچىلارنىڭ سۇ، ئوت-چۆپ قوغلىشىپ كۆچۈشى ئۆزگىچە گۈزەل مەنزىرىنى شەكىللەندۈردى. چارۋىچىلىق مەيدانلىرى پەسىلگە قاراپ ئەتىيازلىق، يازلىق، كۈزلۈك، قىشلىقتىن ئىبارەت تۆت پەسىلگە بۆلۈنىدۇ. «ئوتلاق كۆچۈش» ئوت-چۆپلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرىيلىكىگە ئاساسەن، چارۋىلارنى تەرتىپلىك ھالدا ئوتلاققا يۆتكەشنى كۆرسىتىدۇ. ھەر يىلى 9-ئاينىڭ باشلىرىدا، بايىنبۇلاق ئوتلىقىدىكى مىليون تۇياق چارۋا يازلىق ئوتلاقتىن كۈزلۈك ئوتلاققا كۆچۈرۈلىدۇ.
شىنجاڭ بايىنبۇلاق ئوتلىقى جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ ئېگىز تاغ چىملىق ئوتلىقى بولۇپ، دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 2500 مېتىر كېلىدۇ، سۇلۇق يەر ۋە سازلىقلار ھەممە يەرگە تارقالغان، دەريا تورى گىرەلىشىپ كەتكەن، كىلىماتى مۇرەككەپ، ئۆزگىرىشچان. ئوتلاق كۆچىدىغان چارۋىلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، يەرلىك ھۆكۈمەت ئوت-چۆپ، يەم-خەشەكنى ئالدىن تەييارلاپ، چارۋىچىلارنىڭ ئوتلاق كۆچۈشىنى قوغدايدۇ. بۇ يىلقى بايىنبۇلاق ئوتلىقىدىكى كۈزلۈك ئوتلاق كۆچۈش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئەتراپىدا ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، 15 كۈن داۋاملىشىدۇ، كۈزلۈك كۆچۈش بايىنبۇلاق ئوتلىقىدىكى بىر يىلدىكى تۆت قېتىملىق كۆچۈش ئىچىدە ئەڭ قىسقا بىر قېتىملىقى ھېسابلىنىدۇ.