تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

تارىخقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسى شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى

تارىخقا ۋارىسلىق قىلىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، جەمئىيەت باشلىقى خۇاڭ جىشيەن جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش گۇرۇپپىسىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ تەكشۈرۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە بىڭتۇەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇش ئەھۋالى، شىنجاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئىگىلىدى.

خۇاڭ جىشيەن قاتارلىقلار ئۈرۈمچى ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۇدۇڭخابا رايونى)غا كېلىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ يىرىك پىلان قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، شىنجاڭ زىجىڭ چۈەنسو يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق يېزا ئىگىلىكى پاي چەكلىك شىركىتى، بىڭتۇەن 8 - شىسى، شىخەنزە شەھەرلىك چىياۋمىنلار بىرلەشمىسى ئائىلىسى، تەيۋەن مەبلىغىدىكى كارخانا ۋاڭۋاڭ گۇرۇھى شىنجاڭ سانائەت باغچىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، ھەم ئىككى مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى، شىنجاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان تەيۋەنلىك قېرىنداشلار ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى.

خۇاڭ جىشيەن شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىگە يۈكسەك باھا بەردى، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتى تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر ۋە تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەم بىرلىك سەپ، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەت تارماقلىرى يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تارىخىي بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت چوڭ ۋەزىيىتىگە قەتئىي بويسۇنۇپ، مۇلازىمەت قىلىپ، تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەردە ئەلا نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇنى قوللاپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى شىنجاڭدا تالانتىنى نامايان قىلىش، پائال نەتىجە يارىتىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىنى ساغلام، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇردى. كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بۇ مۇنبەت تۇپراقتا يىلتىز تارتىپ كۈرەش قىلىپ، ئېغىر ۋەزىپىنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

خۇاڭ جىشيەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭخۇا مەملىكەتلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى تەشكىلاتىنىڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقە باغلاشتەك خاس ئەۋزەللىكىنى داۋاملىق ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭ - تەيۋەن ئىككى جاينىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ، تېخىمۇ كۆپ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنى شىنجاڭغا كېلىپ مەبلەغ سېلىپ، كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە جەلپ قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كۈچ قوشىدۇ؛ شىنجاڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش ۋە ئۇنى قوللاشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، تەيۋەنگە قاراتقان ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى پائال تەشكىللەپ، ئۆلكىلىك، شەھەرلىك تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيەتلىرى ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى كادىرلىرىنىڭ نەزەر دائىرىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىدۇ، قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىدۇ. ئاپتونوم رايونلۇق تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە بىڭتۇەن تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىدىكى كادىرلار، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى كېڭەش ئەزالىرىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى، بولۇپمۇ «تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا مۇراجىئەتنامە» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەيۋەنگە قاراتقان خىزمەتلەر توغرىسىدىكى زور سىياسەت - فاڭجېنلىرى ۋە تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتىنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار بىرلەشمە دوستلۇق جەمئىيىتى خىزمىتىدە يېڭى نەتىجە - ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. شىنجاڭدا مۇقىم ئولتۇراقلاشقان كەڭ تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تىرىشىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، تارىخقا ۋارىسلىق قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ياش تەيۋەنلىك قېرىنداشلارنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشى، يۇرتنى سۆيۈشىگە تەسىر كۆرسىتىپ ۋە رىغبەتلەندۈرۈپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئاپتونوم رايون رەھبەرلىرىدىن سو يۆ، كۇڭ شىڭلۇڭ يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى