تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىمىز

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

«كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يېڭى ساھە ئېچىش، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، خاس ئىجادىيەت، ئۆزگىچە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادىي نەتىجىلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ، ئىلىم - پەن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك».

يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزى ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىمىزگە ئېلىپ، باش شۇجىنىڭ ئۈمىدى ۋە مۇھىم تاپشۇرۇقىنى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرىمىز.

«باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇل تەتقىقاتنى ئىزچىل كۈچەيتىش كېرەك. بۇ، بىزنىڭ ئۇل تەتقىقات پەن تەتقىقات خادىملىرىمىزغا نىسبەتەن غايەت زور ئىلھام ۋە تۈرتكە.» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ شۆبە ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىيە باشلىقى شياۋ ۋېنجياۋ مۇنداق بىلدۈردى: «بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، ئۇل تەتقىقاتقا پايدىلىق ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسى يارىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا كۈچەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك».

«<كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.> باش شۇجىنىڭ سۆزى مېنى كۈچ - قۇۋۋەتكە تولدۇردى، زىممەمدىكى ۋەزىپىنىڭ ئېغىرلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدىم.» ئاپتونوم رايونلۇق خەلق دوختۇرخانىسى رېماتىزم، ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ۋۇ لىجۈن مۇنداق بىلدۈردى: «مەن پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى يېتەكلەپ رېماتىزم، ئىممۇنىتېت كېسەللىكلىرى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، چوڭقۇر ئىزدىنىپ، كوللېكتىپنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، مېدىتسىنا يۇقىرى پەللىسىگە جەڭ ئېلان قىلىپ، ئاغرىقلارنى قۇتقۇزۇش - داۋالاش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ <مۇمكىنسىزلىك>نى <مۇمكىنلىك>كە ئايلاندۇرىمەن».

ھازىر، غەربىي شىمال نېفىتلىكى 10 مىليون توننا دەرىجىلىك چوڭ نېفىتلىك - گازلىق قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئالغا سىلجىتماقتا. غەربىي شىمال نېفىتلىكى چارلاش - ئېچىش تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى لى زۇڭجيې مۇنداق دېدى: بىز باش شۇجىنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، تارىم ئويمانلىقىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلامدىكى نېفىت - گازنى يۇقىرى سۈپەتتە چارلاش، ئېچىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

«قىزىقىش ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىتى، ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى بىلدۈرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئالىم يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.» ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى پاتىمە ئابلىكىم مۇنداق بىلدۈردى: «باش شۇجىنىڭ سۆزىنىڭ ئەھمىيىتى چوڭقۇر، بىز باش شۇجىنىڭ تەلىپى بويىچە، خىزمەت ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، <ئاساسىي قاتلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكەت پىلانى> ۋە <جەنۇبىي شىنجاڭ ئاساسىي قاتلام پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ھەرىكىتى>گە پۇختا تۈرتكە بولۇپ، بالىلارنىڭ ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ قىزىقىشىنى <ساقلاپ قالىمىز>».

قاراماي شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى گاۋ بىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قاراماي شەھىرى ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىلىم مۇھىتى ۋە پەن تەتقىقات باشقۇرۇشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش پىكرى، پەن تەتقىقات خادىملىرىنى يېڭىلىق يارىتىش، نەتىجە يارىتىشقا رىغبەتلەندۈرۈش توغرىسىدىكى بىر قانچە تەدبىر قاتارلىقلارنى چىقىرىپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى زور دەرىجىدە قوزغىدى. بۇنىڭدىن كېيىن قاراماي شەھىرى پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرىنىڭ كارخانىلارغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىشلەپچىقىرىش - ئوقۇتۇش - تەتقىقاتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شىنجاڭ چارۋىچىلىق پەنلەر ئاكادېمىيەسى چارۋىچىلىق تەتقىقات ئورنى جەنۇبىي شىنجاڭ بازىسىنىڭ تېخنىكا باش نازارەتچىسى ليۇ جياجيا ئىزچىل خوتەن ۋىلايىتىدە پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش شۇجىنىڭ سۆزى بىزنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. بىز ئېھتىياجنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ خەلق ئاممىسى ھەم كەسىپ تەرەققىياتىنىڭ تەخىرسىز ئېھتىياجىدىن چىقىش قىلىپ، پەن - تېخنىكا ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش تۈرلىرىنى كۆڭۈل قويۇپ يولغا قويۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆزىمىزنىڭ تېگىشلىك تۆھپىمىزنى قوشىمىز».

(مۇخبىر جېڭ جو، قاتناشقان مۇخبىرلار شيې خۇيبيەن، ياڭ شۇخەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ياڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى