تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىمىز

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇردى −

جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىمىز

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى

نەچچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى كادىرلار، ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، جاپالىق ئىشلەپ، ئەمەلىي ئىشلەپ، قەتئىي ھالدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە قەرەلىدە غەلىبە قىلىشقا بەل باغلىدى.

ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، بوزدۆڭ قىرغىز يېزىلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا باشلىقى ئايپۇلات ئىسمائىل مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە تەقدىرلەش يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشىدىكى ئەمەلىي قىيىنچىلىقلىرىنى پائال ھەل قىلىپ، نامرات ئاممىنىڭ ھوسۇلنى ئاشۇرۇش، كىرىمنى ئاشۇرۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىپ، ھەل قىلغۇچ غەلبە قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىمىز.

«باش شۇجىنىڭ دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشتا ئوتتۇرىغا قويغان ئېنىق تەلىپىنى تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئەستايىدىل ياخشى تۇتىمىز.» سانجى دۆلەت يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاۋ شياۋۋېي مۇنداق دېدى: سانجى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى بۇ يىلنىڭ قېپقالغان ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، كەسىپلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، تېخىمۇ كۆپ نامرات ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا كۈچ قوشىدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى بىزنىڭ خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىزدىكى تۈپ مىزان، بىز يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ غەلىبىسىنى قەتئىي قەرەلىدە قولغا كەلتۈرىمىز. چاقىلىق ناھىيەسى ۋاششەرى بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بازار باشلىقى ئوسمان تۇردى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىندا، بازىرىمىز پارتىيە - ئامما خىزمىتى مۇلازىمەت ئەترىتىدىن بىرنەچچىنى قۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ قىيىنچىلىقلىرىنى ئىگىلەپ، تىرىشىپ چارە تېپىپ، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىپ ھەل قىلدى. مۇشۇ ئاساستا، ۋاششەرى بازىرى گەۋدىلىك مەسىلە ۋە ئاجىز ھالقىلارنى نىشانلاپ، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، گۈزەل يېزا - كەنت قۇرۇش قاتارلىقلار بىلەن بىرلەشتۈرۈپ تەڭ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرىدۇ.

«باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزى مېنى چوڭقۇر ئىلھاملاندۇردى. كەنتتىكى 1 - شۇجى بولۇش سۈپىتىم بىلەن يول تېپىش، مەبلەغ توپلاش، تېخنىكا جەھەتتە ياردەم بېرىشتىن باشقا، تېخىمۇ مۇھىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىدىيەسىنى، يەنى <مېنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇر>نى <مەن نامراتلىقتىن قۇتۇلىمەن>گە ئۆزگەرتىشىگە ياردەم بەردىم.» ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن لوپ ناھىيەسىنىڭ چارباغ يېزىسى باش سوغاققۇم كەنتىدە تۇرۇشلۇق 1 - شۇجى ئۆمەر رەجەپ ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكى، يەم - خەشەك ئۈلگە بازىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، نامرات كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمەن.

«يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتى پارتىيەمىزنىڭ خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولىدىغان، ھايات - ماماتتا بىللە بولىدىغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى باشتىن - ئاخىر ساقلىغانلىقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى.» يەكەن ناھىيەسىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى 10 مىڭ مولۇق پارنىك بازىسىدا، دېھقانلارنىڭ بېيىش باشلامچىسى يۇنۇس يۈسۈپ مۇنداق دېدى: كەنتتە پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرىدىغان دېھقانلار بارغانسېرى كۆپەيدى، «كەنت ئاھالىلىرى پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈپ ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتى، مەن پارنىكتا كۆكتات ئۆستۈرۈش كەسپىنى داۋاملىق زورايتىپ، كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنى بىرلىكتە بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلەيمەن».

(مۇخبىرلار شيا چىڭ، گې يوۋجۈن، خەن چىنيەن، قاتناشقان مۇخبىرلار خوتەن مۇخبىرلار پونكىتىدىن شى يىڭيىڭ، بايىنغولىن ئوبلاستى مۇخبىرلار پونكىتىدىن ياڭ شياۋدۇڭ، ئىختىيارىي مۇخبىرلار پەن تىڭ، سۇڭ خۇامىن)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى