تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

كامىلجان ئالىم: «چوڭ سىناق»تا ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى سۇ لۇپىڭ، رېن خۇا

9 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغىنى تېببىي قۇتقۇزۇش - داۋالاش بويىچە بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ پەرۋىش ۋەزىپىسىگە ياردەم بېرىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، دەم ئېلىش - تەرتىپكە سېلىش ئاخىرلاشتى، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسىنىڭ سېستراسى كامىلجان ئالىم سەپداشلىرى بىلەن ئۆيگە قايتىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلانغا چىقتى. «پارتىيە ۋە خەلق ئېھتىياجلىق بولغان ۋاقىتتا، مەن چوقۇم پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن» دېدى 23 ياشلىق كامىلجان ئىككى قېتىملىق يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى قۇتقۇزۇش - داۋالاش كەچۈرمىشلىرىنى ئەسلەپ قەتئىيلىك بىلەن.

«مەن تىزىملىتىمەن!» 2 - ئاينىڭ 4 - كۈنى سەھەردە، خوتەن ۋىلايەتلىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەر مەخسۇس دوختۇرخانىسى خۇبېيغا ياردەم بېرىش سەپەرۋەرلىك يىغىنى ئاچقاندا، كامىلجان بىرىنچى بولۇپ بۇ سۆزنى قىلدى. گەرچە پەقەت بىر يىللىقلا پەرۋىش تەجرىبىسى بولسىمۇ، لېكىن بۇ ئۇنىڭ «چاقىرغاندا جەزمەن جەڭگە ئاتلىنىش» ئىرادىسىنى توسۇپ قالالمىدى. ئۇ ئەترەتتىكى يېشى ئەڭ كىچىك سېسترا بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېتەرسىزلىكلىرىگە توغرا قاراپ، ئەمەلىي جەڭدە ئاكتىپ ئۆگىنىپ، ئۆزىنى تولۇقلىدى.

ۋۇخەن مەدەنىيەت يىغىن - كۆرگەزمە مەركىزى فاڭساڭ دوختۇرخانىسىدا، ھەر كۈنى كامىلجان ھەربىر ئاغرىقنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ خاتىرىلىدى، ئاغرىقلارنى داۋالاشتا ئىشلەتكەن دورىلارنى تەكشۈردى، ئۇلارغا تۇرمۇش بۇيۇملىرىنى تارقىتىپ بەردى. شۇنداق بولۇپلا قالماي، ئەر سېسترا بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ ماددىي ئەشيالارنى، ئۈسكۈنىلەرنى يۆتكەش، تازىلىق قىلىش، ساپ سۇ ئالماشتۇرۇش قاتارلىق جىسمانىي خىزمەتلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئالدى. كامىلجان دائىم ئالدىراشلا يۈرەتتى، كۆپچىلىك ئۇنى «چېپىپ يۈرىدىغان ئاق كىيىملىك» دەپ يېقىملىق چاقىراتتى.

ئىپادىسى ياخشى بولغاچقا، كامىلجان خۇبېيغا ياردەم بېرىش بىرىنچى سېپىدە پارتىيەگە كىردى. 7 - ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، ئۈرۈمچىدە تۇيۇقسىز يۇقۇم يۈز بەرگەندە، ئۇ يەنە بىر قېتىم جەڭگە قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلىپ، بېكىتىلگەن دوختۇرخانىنىڭ ICU ئاغرىقلار رايونىغا كىرىپ، پەرۋىش قىلىشقا قاتناشتى.

«خۇبېيغا ياردەمگە بارغان ئاشۇ كۈنلەردە مەن قىممەتلىك تەجرىبىلەرنى توپلىدىم، بۇ قېتىم ICUغا كىرگەندە تەمتىرەپ قالمىدىم.» كامىلجان مۇنداق دېدى: ھەرىكەت قىلالايدىغان، ئۆزى تاماق يېيەلەيدىغان كېسىلى يېنىك ئاغرىقلارغا ئوخشىمايدىغىنى، خەتەرلىك ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ ھاجىتىدىن چىقالمايدۇ. ھەر كۈنى مېنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپەم ئاغرىقلارنى ئۆرۈش، دۈمبىسىنى سۈرتۈش، تاماق يېگۈزۈش، چوڭ - كىچىك تەرەت قىلدۇرۇش. گەرچە ئازراق ھېرىپ چارچىسىمۇ، ئەمما ئاغرىقنىڭ ھوشىغا كېلىپ، كارىۋاتتىن چۈشۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەندە كامىلجاننىڭ قەلبى خۇشاللىققا تولاتتى.

كامىلجان پەرۋىش قىلغان ئاغرىقلار ئىچىدە 70 ياشتىن ئاشقان بىر ئاغرىق ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. «بوۋاي دوختۇرخانىغا يېڭى كىرگەندە ھېچكىمنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايتتى، ئۆزى كارىۋاتتىن چۈشەلمەيتتى، داۋالاشقا ماسلاشمايتتى.» كامىلجان ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۈش كىشى سۈپىتىدە پاراڭلاشتى. ئەسلىدە، بوۋاي يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى چۈشەنمەي، كۆڭلىدە ۋەھىمە پەيدا بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دوختۇر - سېسترالار ئۇچىسىغا قېلىن مۇداپىئە كىيىمى كىيىۋالغاچقا، ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرەلمەي تېخىمۇ جىددىيلەشكەن.

كېسەلگە قاراپ دورا بېرىلدى، كامىلجان ئالدى بىلەن ئاغرىققا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئۇنىڭغا بىر قىسىم خەتەرلىك، ئېغىر ئاغرىقلارنىڭ داۋالاشقا ئاكتىپ ماسلاشقاندىن كېيىن ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى ئېيتتى، يەنە ئۇنىڭغا مۇداپىئە كىيىمىنىڭ رولىنى چۈشەندۈردى. كامىلجاننىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەردەك كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن ئاغرىق كۆڭلىدىكى سۆزلىرىنى ئېيتىپ، دوختۇر - سېسترالارنىڭ داۋالىشىغا ئاكتىپ ماسلاشتى. كامىلجاننىڭ قارىشىچە، ئاغرىقنى پەرۋىش قىلىشتا، كەسپىي سەۋىيە ئىنتايىن مۇھىم، ئاغرىق بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگىنىشمۇ ئىنتايىن مۇھىم ئىكەن، «ئاغرىقنىڭ روھىي ھالىتى ياخشى بولۇپ، ماسلىشىش دەرىجىسى قانچە يۇقىرى بولسا، داۋالاش ئۈنۈمىمۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ».

«90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار»دىن بولۇش سۈپىتى بىلەن كامىلجان ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ياش بىر ئەۋلادلارنىڭ جاپادىن قورقمايدىغان، قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان، قۇربان بېرىشتىن قورقمايدىغان مەسئۇلىيىتى ۋە مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، مەملىكەت بويىچە يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئىلغار شەخس دېگەن نامغا ئېرىشتى.

«بۇ مۇكاپات ھەربىر جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرگەن كىشىگە مەنسۇپ، مەن پەقەت بىر تېببىي خىزمەتچى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنىلا قىلدىم. مەن داۋاملىق تىرىشىپ، ئەسلىي مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ كۆپ ئاغرىققا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمەن» دېدى كامىلجان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى