ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لياڭ لې خەۋىرى): ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن بىر ھەپتىدە، ھاۋا خېلى سالقىن بولدى. بۇ ھەپتىدە (9-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە)، ئىللىق ھاۋا ماسسىسىنىڭ كونترول قىلىشى ئاستىدا، ئۈرۈمچىدە تېمپېراتۇرا تەدىرىجىي ئۆرلەپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27قا چىقىدۇ. چارشەنبە كۈنى ۋە ھەپتە ئاخىرىدا يامغۇر يېغىپ، تېمپېراتۇرا بىر ئاز تۆۋەنلەيدۇ.
يېقىندا ئاساسلىق شەھەر رايونىدا ئەتىگەن ۋە كەچتە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃10 ئىچىدە بولىدۇ، بەزىدە كۈندۈزدە ئاجىز تەۋرىنىش كۆرۈلىدۇ، تېمپېراتۇرا پەقەت ℃20 ئىچىدە ساقلىنىدۇ. كۈز پەسلىدە گەرچە ھاۋا ئومۇمىي ۋەزىيىتى تۆۋەن تېمپېراتۇرىغا قاراپ ماڭغان بولسىمۇ، ئەمما سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ كۈچى بىر قەدەر ئاجىز بولىدۇ، ئىللىق ھاۋا ماسسىسى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغاندا، باسقۇچلۇق ئەسلىگە كېلىش جەريانى كۆرۈلىدۇ.
بۇ ھەپتىدە، تېمپېراتۇرا ئالدىنقى ھەپتىگە قارىغاندا بىر ئاز ئىللىق بولىدۇ. ئۈرۈمچى شەھەرلىك مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسىنىڭ ئالدىن مەلۇماتىغا قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ كۈندە مەركىزىي شەھەردە ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بولۇتلۇق بولىدۇ، چارشەنبە كۈنى ئۆتكۈنچى يامغۇر يېغىپ، ئاساسلىق شەھەر رايونىدا كۈندۈزى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22تىن ℃24قىچە بولىدۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتە تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11تىن ℃13قىچە بولىدۇ. پەيشەنبە كۈنىدىن باشلاپ جۈمە كۈنىگىچە تېمپېراتۇرا تېز سۈرئەتتە ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃27قا چىقىدۇ. ھەپتە ئاخىرىدا، ئازراق يامغۇر ياغىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېمپېراتۇرا ئازراق تۆۋەنلەيدۇ.
پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە، دۈشەنبىدىن سەيشەنبىگىچە، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭدىكى قىسمەن تاغلىق رايونلاردا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر (يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار) ياغىدۇ. شەرقىي شىنجاڭدىكى شامال ئېغىزىدا سەككىز بال ئەتراپىدا قىيپاش شىمال شامىلى چىقىپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تارىم ئويمانلىقىنىڭ شەرقىي قىسمىدا بەش بال ئەتراپىدا قىيپاش شەرق شامىلى چىقىدۇ، قىسمەن رايونلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چاڭ-توزانلىق ھاۋا رايى كۆرۈلىدۇ.
سەيشەنبە كۈنى كېچىدىن چارشەنبە كۈنىگىچە، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرىنىڭ جەنۇبىي قىسمى، سانجى ئوبلاستى، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار، بايىنغولىن ئوبلاستىنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى تاغلىق رايونلار قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا سۇس ياكى ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايوندا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدۇ ياكى قار) ياغىدۇ، يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان رايونلاردا 5~4 بال غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ.