تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مىڭدىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان 2020-يىللىق دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىدا نامايان بولدى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىشىلەر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىدا ئۇدا 330 مىنۇتتىن ئارتۇق ئۇچالايدىغان ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئۇچقۇچىسىز تىك ئۇچارنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2020-يىللىق 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنى ۋە 5-نۆۋەتلىك شېنجېن خەلقئارا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كۆرگەزمىسى شېنجېندا باشلاندى، 400دىن ئارتۇق دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان كارخانىسى 1000دىن ئارتۇق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېلىپ كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنى نەق مەيدانىدا سۈرەتكە تارتىلغان ئەڭ چوڭ يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى 240 كىلوگىرام كېلىدىغان ۋېرتىكال ئورۇنلاشتۇرۇلغان قوش ئايلانما قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، بىر كىچىك دوست 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىدا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يەر يۈزى پونكىتىنى ھېس قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىدا سۈرەتكە تارتىلغان بىر ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك ئۇچۇش ۋاقتى ئۇزۇن بولغان مۇقىم قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىشىلەر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 13-كۈنى، كىشىلەر 4-نۆۋەتلىك دۇنيا ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان يىغىنىدا بىر ھىدروگېن ئېنېرگىيەلىك تىك ئۇچۇپ، تىك قونالايدىغان، مۇقىم قاناتلىق ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ۋاڭ فېڭ فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى