تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاۋات: خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى كەنتكىچە قۇرۇلدى

  شىنجاڭ گېزىتى، ئاۋات، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى خەۋىرى، ئىختىيارىي مۇخبىرلىرىمىز گو ئەيچېڭ، ليۇ شاۋفېڭ خەۋەر قىلىدۇ: «كەنتتە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقىنى ئاڭلاپ، سىناپ بېقىش پوزىتسىيەسىدە، كىملىك نومۇرۇمنى بېجىرگەندە تۇغۇلغان كۈنۈمنىڭ خاتا يېزىلىپ قالغانلىقىنى كەنت خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتىدىكى ۋاكالىتەن بېجىرگۈچىگە ئېيتقانىدىم، نەچچە كۈن ئۆتمەيلا، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى ئۆزگەرتىلگەن كىملىكنى بېجىرىپ بەردى. ئىشىك ئالدىدا خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى بولسا، بەك ياخشى بولىدىكەن!» دېدى 8-ئاينىڭ 6-كۈنى ئاۋات ناھىيەسىنىڭ بەشئېرىق بازىرى تۆۋەنكى تاللىق كەنتىدىكى دېھقان زورەم مۆمىن خۇشال ھالدا.

  بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەلىك مەمۇرىي مۇلازىمەت مەركىزىدىن تۆۋەنكى تاللىق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتى باشلامچىلىق بىلەن كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، خەلق ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەمگەك كاپالىتى، ئاممىۋى سەھىيە مۇلازىمىتى، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى مۇلازىمىتى قاتارلىق ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تۈرلىرىنى كەنت دەرىجىلىك خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتلىرىنىڭ بېجىرىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈپ، كەنتتىكى ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى سىياسەت جەھەتتىن مەسلىھەت سوراش، كەسىپلەرنى قوبۇل قىلىپ بېجىرىش، ياردەملىشىپ بېجىرىش، ۋاكالىتەن بېجىرىش، ماتېرىياللارنى بېسىپ چىقىرىش، كۆپەيتىش قاتارلىق ۋاكالىتەن بېجىرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

  كەنت خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئامما ئۈچۈن تۈرلۈك مۇلازىمەتتىن 39نى ۋاكالىتەن بېجىرىپ، قىيىنچىلىق، ئارزۇ-تەلەپتىن 275نى ھەل قىلىپ، سىياسەتتىن مەسلىھەت سوراش مۇلازىمىتىنى 23 قېتىم قانات يايدۇرۇپ، زىددىيەت، ماجىرادىن ئۈچنى ماسلاشتۇرۇپ، ئاممىغا ناھايىتى زور قولايلىق ياراتتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى