«يېقىنقى مەزگىلدە ھاۋا ئۆزگىرىشچان، ھاۋا ئوچۇق كۈنلەردىن پايدىلىنىپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ھوسۇل يىغىڭلار... » 9-ئاينىڭ 7-كۈنى سەھەردە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى خوڭچى دېھقانچىلىق مەيدانى 5-ليەنى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ليەنجاڭى جاڭ مىڭجۈن ۋېيشىن توپى ئارقىلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ئەسكەرتتى.
ھازىر دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى شوخلا، گازىر تاۋۇزى قاتارلىق زىرائەتلەردىن ئارقا-ئارقىدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانىدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر بەس-بەستە كۈزلۈك يىغىم خىزمىتىگە ئاتلاندى، ھەرقايسى ليەندۈي «ئىككى كومىتېت»ى سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
خۇڭچى دېھقانچىلىق مەيدانى 5-ليەنىدىكى ھۆددىگەر شيې شىڭرېن مۇنداق دېدى: «يېمەكلىك ئاپتاپپەرەسنىڭ ئىشچى ئىشلىتىش سالمىقى زور، ليەندۈي <ئىككى كومىتېت> ى بالدۇرلا ئىشچىلار بىلەن، ئاپتوموبىل بىلەن ئالاقىلىشىپ، ھەر كۈنى ئېتىز بېشىغا بېرىپ زىرائەتلەرنىڭ پىشىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، بىزنىڭ قىيىن مەسىلىلىرىمىزنى ھەل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى، <ئىككى كومىتېت>نىڭ بىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى، ياردەم بەرگەنلىكىگە كۆپ رەھمەت» دېدى.
5-ليەننىڭ قۇرۇتۇش مەيدانىدا، ليەندۈي پارتىيە ياچېيكىسى كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ليەن باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزاسى جاڭ مىنجۈن ۋە سېتىۋالغۇچى سودىگەر بىرلىكتە 5-ليەننىڭ ئىشچى-خىزمەتچىسى تاڭ شىڭگاڭ تېرىغان ئاپتاپپەرەسنىڭ دان تۇتۇش دەرىجىسىنى تەكشۈرۈپ، سېتىۋېلىش باھاسىنى مەسلىھەتلەشتى. بۇ يىل تاڭ شىڭگاڭ تېرىغان ئاپتاپپەرەس مو بېشى ھوسۇلى 280 كىلوگىرامدىن ئاشتى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «ليەندۈي <ئىككى كومىتېت> ىنىڭ مۇلازىمىتى ئىنتايىن ياخشى، ھوسۇل ئېلىشتىن، سېتىشتىنمۇ غەم قىلمايدىغان بولدۇم، بۇ يىل بۇنداق ياخشى ھوسۇل ئېلىشىمنىڭ يېرىمىدا ئۇلارنىڭ تۆھپىسى بار». (جياۋ لىپىڭ)
شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى