تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

كەنت ئاھالىلىرى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىردى، يېڭى كەسىپ بىلەن شۇغۇللاندى

  شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سوڭ ياۋېن، پەرىزات ئابدۇل): بۇ يىل 47 ياشقا كىرگەن روزىمەمەت ئابدۇللا بىر كۈنلەردە يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرىپ، «شەھەرلىك» بولۇپ قېلىشىنى ئويلاپمۇ باقمىغانىدى.

  ئۇنىڭ ئايرىم ئۆيى، قورۇسى بار بولدى، قىزىل كاھىشلىق، ئاق تاملىق ھويلىنىڭ ئىچى يېشىللىققا پۈركىنىپ، سەھرا پۇرىقى چىقىپ تۇراتتى. ئۆيدە توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، زامانىۋى ئاشخانا ئەسلىھەلىرى، سۇ بىلەن چايقىلىدىغان ھاجەتخانىلارنىڭ ھەممىسى تولۇق بولۇپ، روزىمەمەت ئابدۇللانىڭ خوتۇنى تازىلىق قىلىۋاتاتتى.

  روزىمەمەتنىڭ يېڭى ئۆيى چىرا ناھىيەسىنىڭ چارۋىچىلارنى مۇقىم ئولتۇراقلاشتۇرۇش نۇقتىسىدىكى جىننەن يېڭى كەنتىدە بولۇپ، چىرا ناھىيەسىگە ئۈچ كىلومېتىر كېلەتتى. «قاراڭ، مەن ھويلىغا ئۈزۈم بارىڭى ياسىدىم، ماۋۇ باقمىچىلىق رايونى، ئاۋۇ كۆكتات تېرىش رايونى، ئۆيۈم ئازادە، يورۇق ھەم راھەت» دېدى چېھرىدە بەخت كۈلكىسى جىلۋىلەنگەن روزىمەمەت.

  ئىككى يىل بۇرۇن، روزىمەمەت ئائىلىسىدىكىلەر تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتى، بىر ئائىلە كىشىلىرى مال بېقىپ تەستە تۇرمۇش كەچۈرەتتى، ئۇلار كەنتتىكى نامرات ئاھالە ھېسابلىناتتى. «بۇرۇن تۇرغان جاينىڭ ئەتراپى ئۇزۇن يىل رېمونت قىلىنمىغان توپا يول بولغاچقا، ئاپتوموبىل ئۆتسىلا توپا توزۇپ ھەممە يەرنى بىر ئالاتتى، قاتناش ناھايىتى قولايسىز ئىدى» دېدى روزىمەمەت.

  2018-يىلى روزىمەمەت ئائىلىسىدىكىلەر تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىن جىننەن يېڭى كەنتىگە كۆچۈپ كەلدى. «ھازىر مەيلى بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى ياكى كېسەل كۆرسىتىشى بولسۇن ئىنتايىن قولايلىق، بىز يەنە ئىككى پارنىكتا كۆكتات تېرىدۇق، كۈنلىرىمىز ياخشى بولۇپ كەتتى» دېدى ھازىرقى تۇرمۇشىنى تىلغا ئېلىپ ھاياجانلانغان روزىمەمەت.

  2018-يىلى، چىرا ناھىيەسى «كەسىپ ۋە شەھەرنى يۇغۇرۇش» تەرەققىيات ئەندىزىسى بويىچە، جىننەن يېڭى كەنتىنى بەرپا قىلدى، 6000 مودىن ئارتۇق يەرنى ئىگىلىگەن كەنتتە يېڭىدىن 393 يۈرۈش ئەمىن ئۆي سېلىندى. ئىلگىرى بۇ يەر قاقاسلىق ئىدى، ھازىر رەتلىك كۆكتات پارنىكى، تۇرالغۇ ھويلىسى ۋە بوراندىن مۇداپىئەلىنىش ئورمان بەلبىغى قاقاسلىقنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، رەتلىك كۆكەرتىلدى، يۈرۈشلەشكەن ئەسلىھەلەر تولۇق بولدى. يېڭىدىن ياسالغان يول تورلاشتۇرۇلۇپ، جىننەن يېڭى كەنتى، ناھىيە بازىرى ۋە سانائەت رايونىنى تۇتاشتۇردى، كۆچۈپ كەلگەن دېھقان-چارۋىچىلار «كۆچۈپ چىقىش، مۇقىم ئولتۇراقلىشىش، بېيىش» ئىمكانىيەتكە ئىگە بولدى.

  ئىككى يىل ئىلگىرى، ئامىنەخان ئائىلىسىدىكىلەر چىرا ناھىيەسى چاقا يېزىسى سېرىقچان كەنتىدە تۇراتتى، يېرى ئاز، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېخنىكا بىلمىگەچكە، كەنتتىكى نامرات ئائىلە بولۇپ قالغانىدى، كۆچۈش ئۇلار بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتتى.

  «ئىلگىرى تاغدا ئازراق ئاشلىقلا تېرىيتتۇق، ھازىر بۇ يەرگە كۆچۈپ كېلىپ پارنىك ياسىدۇق، ئىككى پارنىكتا تېرىغان كۆكتاتلارنى 20 نەچچە مىڭ يۈەنگە ساتتۇق، نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشمىز ئەمدى چۈش ئەمەس. يەرنى قانداق تۈزلەش، قايسى ۋاقىتتا تېرىش، مايسىنى قانداق پەرۋىش قىلىش قاتارلىق ھەر بىر ھالقىدا يېزا ئىگىلىك تېخنىكلىرىنى قولمۇقول ئۆگىتىدۇ، ياخشى تېرىيالماسلىقتىن ئەنسىرىمىسەكمۇ بولىدۇ» دېدى ئامىنەخان.

  چىرا ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا ئىدارىسىنىڭ جىننەن يېڭى كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ باشلىقى، بىرىنچى شۇجى چېن پېڭفېي مۇنداق دېدى: «جىننەن يېڭى كەنتىگە 393 ئائىلىلىك 1249 ئادەم كۆچۈپ كىردى، تاغلىق رايوندىن كۆچۈپ كەلگەن چارۋىچىلار ئىچىدە، نۇرغۇنلىرى پارنىكتا كۆكتات تېرىشنى خالايدۇ، كادىرلار تېخنىكلارنى تەكلىپ قىلىش ئارقىلىق تېرىقچىلىق، بىر تۇتاش سېتىشقا يېتەكچىلىك قىلدى. باشقا دېھقان-چارۋىچىلارمۇ ھويلا-ئاران ئىگىلىكى، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ياكى يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارقىلىق كىرىمىنى ئاشۇردى».

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى