تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرىدە 9-ئاينىڭ 14-كۈنى ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22 بولىدۇ، شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر يۈ مېڭفەن خەۋىرى): 9-ئاينىڭ 14-كۈنى شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئاساسەن ئوچۇق ياكى بۇلۇتلۇق بولىدۇ، كۆپ قىسىم جايلاردا ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا بىردەك ℃20 تىن يۇقىرى بولۇپ، بەدەن سېزىمى راھەت بولىدۇ. ئەمما ئەتىگەن ۋە كەچتىكى تېمپېراتۇرا پەرقى بىر قەدەر چوڭ بولىدۇ، ئالتاي شەھىرى، چۆچەك شەھىرى، غۇلجا شەھىرى، شىخەنزە شەھىرى، سانجى شەھىرى، كورلا شەھىرى قاتارلىق جايلاردا ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا بىردەك ℃10تىن تۆۋەن بولىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھىرىدە بۈگۈن ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ كېيىن ئېچىلىدۇ، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرا ℃22، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11 بولىدۇ، ئۈچ بال شامال چىقىدۇ.

  بۈگۈن سۇس ياكى ئازراق يامغۇر (تاغلىق رايونلاردا يامغۇر قارغا ئۆزگىرىدىغان ياكى قارلىق ھاۋا رايى)نىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغان يول بۆلىكى: G30 لىنىيەسى، G312 لىنىيەسىنىڭ شىخەنزىدىن ئۈرۈمچىگىچە بولغان بۆلىكىنىڭ جەنۇبىدىكى تاغلىق رايون، G216 لىنىيەسىنىڭ خوۋشيادىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكى، G217 لىنىيەسىنىڭ چورمىدىن بايىنغولىنغىچە بولغان بۆلىكى، G218 لىنىيەسىنىڭ ناراتتىن بالغۇنتايغىچە بولغان بۆلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  كۈز پەسلىدە تېمپېراتۇرا مۇۋاپىق بولسىمۇ، ئەتىگەن ۋە كەچتىكى كۈز شامىلى ناھايىتى سوغۇق بولىدۇ، شۇڭا ھەرىكەت مىقدارى مۇۋاپىق بولۇشى، ئامال بار ھەرىكەت مىقدارى كىچىكرەك پائالىيەتلەرنى تاللاش، بەك تەرلەپ كېتىپ زۇكام بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى