تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلدى

  ئانار بۇلۇت / شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ يۆ خەۋەر قىلىدۇ) : 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىدا، ئىشچىلار ئالدىراش بولۇپ كەتتى، T4 ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئاساسىي قۇرۇلما قۇرۇلۇشى جىددىي، تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىۋاتاتتى.

  قاراقاش ناھىيەسىدىن كەلگەن ئابلەت قەھرىدىن لىمنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ، ئامبۇر بىلەن پولات چىۋىقنىچىڭ باغلىدى. بۇ يىل 4 - ئايدا ئۇ قۇرۇلۇش ئورنىغا كېلىپ، جۇڭگو بىناكارلىق 8-قۇرۇلۇش ئىدارىسى تۈر بۆلۈمىگە كىردى، ئىش ئورنىغا چىققان مەزگىلدە شىركەت ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرگە تېخنىكا، بىخەتەرلىك تەربىيەسى ۋە ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىپ باردى، ھازىر ئۇ پىشقان پولات چىۋىق باغلاش ئىشچىسى بولۇپ قالدى. «ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى تۈرى دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تۈرى، قۇرۇلۇشقا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن، مەن تىرىشىپ ئىشنى تېز ھەم ياخشى قىلىمەن» دېدى ئۇ.

  «ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش تۈرىنىڭ يادرولۇق A رايون قۇرۇلۇشى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يۇقۇم مەزگىلدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش سۈرئىتى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ھەر قايسى جەھەتلەردىكى خىزمەتلەر تەرتىپلىك قانات يايدۇرۇلدى. ھازىر ئاۋىياتسىيە رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇچۇش رايونى قۇرۇلۇشىغا خېرىدار چاقىرىش خىزمىتى ئىشلىنىۋاتىدۇ.» ئۈرۈمچى ۋاقىتلىق ئايرودۇرۇم ئەتراپى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى تىجارەت چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى پېيۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: شىركەت ئىش ئورنىدىكى بارلىق خادىملارغا ساغلاملىق ئارخىپى تۇرغۇزدى، خىزمەت رايونى، تۇرمۇش رايونى قاتارلىق رايونلاردا تۈرلۈك ساغلاملىق، يۇقۇم مۇداپىئەسى تەدبىرلىرى مۇكەممەل بولدى. ئىشخانا رايونىنىڭ كىرىش-چىقىش ئېغىزلىرىدا ھەر كۈنى مەخسۇس ئادەم دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەسئۇل بولۇپ، كىرىپ-چىقىدىغانلارنى تىزىملاپ، تېمپېراتۇرىنى ئۆلچىدى. تۇرمۇش رايونىدا ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ياتىقىنى دېزىنفېكسىيە قىلىشقا مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولۇپ، ماسكا، قول يۇيۇش سۇيۇقلۇقى قاتارلىقلارنى تارقىتىپ بەردى. ئاشخانىدىكى تاماق ئۈستىلىگە ئايرىش تاختىسى ئورنىتىلىپ، خادىملار بىخەتەر ئارىلىق ساقلاپ تاماق ئېلىش، تۈركۈمگە بۆلۈپ تاماق يېيىش قاتارلىق تەدبىرلەر يولغا قويۇلدى. قۇرۇلۇش مەيدانىدىكى ئاپتوموبىل، سايمانلارنىمۇ ھەر كۈنى مەخسۇس خادىم دېزىنفېكسىيە قىلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، ھازىر ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمىنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە، ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ ئاساسىي گەۋدە قۇرۇلۇشى بۇ يىل ئىچىدە %70 تاماملىنىدىكەن.

  ئۈرۈمچى ئايرودۇرۇمنى ئۆزگەرتىش، كېڭەيتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشى دۆلەتنىڭ «13-بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تۈرى بولۇپ، بۇلتۇر 10-ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغان، يېڭىدىن 500 مىڭ كىۋادرات مېتىرلىق ئاۋىياتسىيە بىناسى، ئىككى ئۇچۇش-قونۇش يولى، 92 مىڭ 700 كىۋادرات مېتىرلىق ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى ۋە ئالاقىدار يۈرۈشلەشتۈرۈش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلار سېلىنىدىكەن، ئومۇمىي قۇرۇلۇش 2023-يىلىنىڭ ئاخىرىدا تاماملىنىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى