تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

شىنجاڭ بىڭتۇەن توردا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش دەرسخانىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى

 يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ئاساسىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشتىكى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، يېقىندا، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «پۈتۈن ۋاقىت بۇلۇتى» سىن يىغىنى شەكلىدە خىمىيە سانائىتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش چوڭ دەرسخانىسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى.

   بۇ يىل 3-ئايدىن بۇيان، يۇقۇم كەلتۈرۈپ چىقارغان كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش خىزمىتى ئۈزۈلۈپ قېلىش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، ئېغىر زور، پەۋقۇلئاددە ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە توسۇپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بىڭتۇەن جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى «ئالاقە تورى + بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش» شەكلىنى قوللىنىپ، ھەر ئايدا بىڭتۇەننىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە تەۋەلىكىدىكى كارخانىلارغا قارىتا ئىككى قېتىم توردا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ نۇقتىلىق ھالدا كۆمۈر كان، كۆمۈركاندىن باشقا كانلار، خەتەرلىك خىمىيەۋى بۇيۇملار، مېتاللورگىيە قاتارلىق سانائەت، سودا ساھەسىدە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى، تەربىيەلەش مەزمۇنى ئىشنى، ئىشلەپچىقىرىشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە مەخسۇس تەربىيەلەش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇللىرى ۋە بىخەتەرلىك باشقۇرۇش خادىملىرىنى تەربىيەلەش، ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تەشۋىق قىلىش، تەربىيەلەش، تىپىك ھادىسە دېلولىرىنى تەھلىل قىلىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بىر قەدەر كۈچلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە. ھازىرغا قەدەر، بىڭتۇەن جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تۈرلۈك لىنىيە بويىچە جەمئىي 15 مەيدان تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، تەربىيەلەنگەن ئادەم سانىنى 14 مىڭ 500 ئادەم قېتىمغا يەتكۈزدى.

   كېيىنكى قەدەمدە، بىڭتۇەن جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئىدارىسى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش ھادىسىلىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي قانۇن ئىجراسى قاتارلىق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكلىرىنى تۈزۈپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، كارخانىلارنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇشنى قوشۇمچە ئوقۇتۇش مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. (بىڭتۇەن گېزىتى مۇخبىرى ما يەن)

شىنجاڭ بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى 

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى