تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش

بىر كىچىك بازار پۈتۈن ناھىيەنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇشىغا «پىشاڭ» بولدى — جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەشنىڭ گۇيجوۋ دەنجەي ئۆرنىكى

كىشىلەر گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسى ۋەندا كىچىك بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتتە قومۇش نەي چالماقتا.(2019-يىلى 12-ئاينىڭ 7-كۈنى تارتىلغان، ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى، گۇيياڭ، 9-ئاينىڭ 13-كۈنى تېلېگراممىسى: «دۈشەنبىدىن جۈمەگىچە مەھەللە مۈلۈك باشقۇرۇش شىركىتىدە ئىشلەيمەن، ھەر ئايدا 1570 يۈەن مائاش ئالىمەن، شەنبە، يەكشەنبە كۈنى ۋەندا كىچىك بازىرىدا سەييارە ئويۇن قويۇپ، قومۇش ئۇسسۇلى ئوينايمەن، كۈنىگە 80 يۈەن كىرىم قىلىمەن. ئەمدى تۇرمۇشتىن غەم قىلمايدىغان بولدۇم» دېدى گۇيجوۋ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن مياۋزۇ-دۇڭزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى دەنجەي ناھىيەسىدىكى مياۋزۇ ئايال پەن خۇافېڭ ناھىيە بازىرىدىكى نامراتلارنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ يۆلەش، ئورۇنلاشتۇرۇش ئولتۇراق رايونىغا كۆچۈپ بارغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشى ئۈستىدە توختالغاندا، پەن خۇافېڭنىڭ تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر دەنجەي ناھىيەسىنىڭ مەخسۇس تۈر ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش، ساھەلەر نامراتلارنى يۆلەش، جەمئىيەت نامراتلارنى يۆلەش بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان «نامراتلارنى يۆلەش چوڭ ئەندىزىسى»نىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

   2016-يىلى 5-ئايدا ئىش باشلىنىپ، 2017-يىلى 7-ئايدا رەسمىي تىجارەت باشلاندى، چيەندۇڭنەن مياۋزۇ مەدەنىيىتىنىڭ خاسلىقى بويىچە بەرپا قىلىنغان ۋەندا كىچىك بازىرى دەنجەيدە قەد كۆتۈردى، بۇ، بۇ يىل سېلىنغان ئارشاڭ مېھمانخانىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، تاماملانغان تۆت قارار تۈرگە جەمئىي 1 مىليارد 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، 2300دىن ئارتۇق ئىش ئورنى يارىتىلىپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىدىن 781ى قوبۇل قىلىندى.

   مياۋزۇ موم بوياقچىلىقى ماھارىتىنىڭ ۋەكىللىك ۋارىسى جاڭ يىپىڭ 2016-يىلى ياڭۋۇ بازىرى جىجيا كەنتىدىكى موم بوياقچىلىقى ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئاساسىدا شىركەت قۇرۇپ ئىگىلىك تىكلەپ، 2017-يىلى شىركەتنى ناھىيە بازىرى ئەتراپىدىكى كارا كەنتىگە كۆچۈرۈپ كەلدى.

    «ئۇ چاغدا كىچىك بازار ئەمدىلا قۇرۇلغان بولۇپ، كۆچۈپ كىرگۈدەك پۇلۇم يوق ئىدى، بىر كۈمۈش زىبۇ-زىننەت دۇكىنى بىر قىسىم يېرىنى ماڭا ھەقسىز بېرىپ تۇردى». جاڭ يىپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ شۇ كۆزنەككە تايىنىپ بىۋاسىتە ساتقان، يەنە خېرىدارلار كارا كەنتىگە ئۇنى ئىزدەپ كەلگەن، ئۇنىڭ شۇ يىللىق سېتىش سوممىسى 1 مىليون يۈەندىن ئاشقان.

   بۈگۈنكى كۈندە، دەنجەي ۋەندا كىچىك بازىرى بىۋاسىتە يېتەكلەپ يېتىشتۈرگەن موم بوياق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسى ۋە ھەمكارلىق كوپىراتىپىدىن ئالتىسى بار. ۋەندانىڭ مەبلەغ سېلىشى يەنە رەڭدار گۇيجوۋ، گۇاڭشى خۇڭۋېن، بېيجىڭ تۇتا، بېيجىڭ يۈنشاڭ دۆلەت ساياھەت كوپىراتىپى قاتارلىق كارخانىلارنىڭ دەنجەيگە كېلىپ مەبلەغ سېلىشىغا تۈرتكە بولدى، سېلىنغان ئومۇمىي مەبلەغ 1 مىليارد 300 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

   «بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىدە سېتىش مىقدارى تۆۋەنلەپ كەتتى، 8-ئاينىڭ 8-كۈنى كىچىك بازار بىزنى بېيجىڭدىكى ۋەندا مەيدانىغا تەكلىپ قىلىپ، ئىستېمال ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش كۆزنىكى ئارقىلىق مياۋزۇ مىللىتىنىڭ موم بوياقچىلىقى ھۈنەر-سەنئىتىنى تەشۋىق ۋە كۆرگەزمە قىلدى». جاڭ يىپىڭنىڭ ئېيتىشىچە، ھازىر موم بوياقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان 46 «مياۋزۇ ئانا» ۋە كۆك لەيلەك تېرىيدىغان، رەخت توقۇيدىغانلارنى قوشقاندا، ئۇنىڭ شىركىتى جەمئىي 200دىن ئارتۇق ئايالنىڭ كىرىم قىلىشىغا تۈرتكە بولغان.

   «ۋەندا كىچىك بازىرىغا كېلىدىغان مېھمانلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كارا كەنتىگە كېلىدۇ» دېدى كارا كەنتىدە تۇنجى بولۇپ سەھرا ئارامگاھى ئاچقان دېھقان ۋۇ مىڭفېي، كىچىك بازار تىجارەت باشلاشتىن بۇرۇن، كەنتتە تۆت سەھرا ئارامگاھى بار ئىدى، سودىدا ئاساسلىقى «ساياھەت ئالتۇن ھەپتىلىكى»گە تايىناتتى. ھازىر 28 سەھرا ئارامگاھى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ تىجارەت سوممىسى ئىلگىرىكىدىن بىر ھەسسە ئاشقان، ۋەندا كىچىك بازىرىدىكى تارماق دۇكىنىنى قوشقاندا، جەمئىي سەككىز خىزمەتچى تەكلىپ قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئۈچى نامرات ئائىلدىن ئىكەن.

   2016-يىلىدىن باشلاپ، ۋەندا گۇرۇھى 500 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ۋەندا نامراتلارنى يۆلەش كەسپى فوندىنى قۇرۇپ، دەنجەي ناھىيەسىدىكى ئەمگەك كۈچى يوق نامرات ئائىلىلەر ۋە ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار كىشىلەرگە تولۇق ياردەم بېرىشكە ئىشلەتتى، ئاجىز ئەمگەك كۈچى، يېرىم ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئائىلىلەرگە ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىش ئورنى تەسىس قىلدى، ئەمگەك كۈچى بار نامرات ئائىلىلەرگە ئىشلەپچىقىرىش، ئەمگىكى ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش مۇكاپات تولۇقلىمىسى بەردى.

   دەنجەي ناھىيەسىدىكى ساياھەت تارماقلىرىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، ۋەندا كىچىك بازىرى تىجارەت باشلىغاندىن ھازىرغىچە جەمئىي 19 مىليون ئادەم قېتىم ساياھەتچى، بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 126 مىڭ 300 ئادەم قېتىم كۈتۈۋېلىپ، دەنجەي ناھىيەسىنىڭ ساياھەت ئۇنىۋېرسال كىرىمىنىڭ 12 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان، بۇ ئارقىلىق 19 مىڭ نامرات ئاھالىنىڭ كىرىمى ئاشقان. دەنجەي ناھىيەسى 2018-يىلى «نامراتلىق قالپىقى»نى چۆرۈپ تاشلاپ، 2019-يىلى نامرات ئاھالىنى تۈگىتىش ۋەزىپىسىنى تاماملىغان.

كەنت ئاھالىلىرى گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي بازىرى لۇڭچۈەن بازىرىدىكى «نامراتلارنى يۆلەش چايزارلىقى»دا چاي ئۈزمەكتە.(2019-يىلى 3-ئاينىڭ 17-كۈنى تارتىلغان، ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)

گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسى لۇڭچۈەن بازىرىدىكى پەلەمپەيسىمان ئېتىز مەنزىرىسى.(2018-يىلى 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان، ياڭ ۋېنبىن فوتوسى)

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسى لۇڭچۈەن بازىرى كارا كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى موم بوياق ئەسەرلىرىنى سىزماقتا.(خۇاڭ شياۋخەي فوتوسى)

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسى لۇڭچۈەن بازىرى كارا كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى موم بوياق ئەسەرلىرىنى سىزماقتا.(خۇاڭ شياۋخەي فوتوسى)

8-ئاينىڭ 7-كۈنى، گۇيجوۋ ئۆلكىسى دەنجەي ناھىيەسى ۋەندا بازىرىدىكى قولدا قەغەز ياساشنى ھېس قىلىش سارىيىدا، ساياھەتچىلەر گۈل-گىياھ قەغىزى ياساپ كۆرمەكتە.(خۇاڭ شياۋخەي فوتوسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • ئاقسۇ نانچىلىق كەسىپلەر باغچىسى: زاكازلار كۆپ، ئىشلەپچىقىرىش ئالدىراش
  • قۇملۇقتا «بېيىش مېۋىسى» ئۆستۈرۈلدى
  • شىنجاڭ باغراش ناھىيەسى: سۇ شەھەردىن ئېقىپ ئۆتتى، شەھەر سۇدا ئەكس ئەتتى