تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

ساغلاملىق ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش چوڭ نەتىجە ياراتتى، شەندۇڭلۇق مۇتەخەسسىسلەر تۆت يىلدا قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىدىن 1800دىن ئارتۇقنى تاماملىدى

   تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر ساۋ خۇا، ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ياڭ جيې، تەن چېڭسېن فوتوسى، خەۋىرى): «ئوپېراتسىيە ناھايىتى ياخشى بولدى، شەندۇڭلۇق مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مېنى قايتىدىن يورۇقلۇققا ئېرىشتۈرگىنىگە رەھمەت.» دېدى كۆزىگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغان 68 ياشلىق بوۋاي ئابلا ئابدۇرېھىم داۋالاش ئەترىتىدىكىلەرگە ھاياجانلانغان ھالدا.

   ئابلا ئابدۇرېھىمنىڭ ئۆيى قەشقەر ۋىلايىتى يېڭىشەھەر ناھىيەسىدە، ئۇنىڭ ئوڭ كۆزىگە ئاق چۈشكىلى ئۈچ يىل بولغان بولۇپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى بارغانسېرى غۇۋالاشقانىدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بولغانلىقىدىن، شۇنداقلا ئوپېراتسىيە قىلىشنىڭ بەلگىلىك قىيىنلىق دەرىجىسى بولغاچقا، كېسەللىك ئەھۋالى ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلۈپ كەلگەنىدى. بۇ يىل 6-ئايدا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قەشقەر ۋىلايىتىگە نىشانلىق ياردەم بېرىش «يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتى باشلاندى، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىن كەلگەن مۇنەۋۋەر دوختۇرلار قەشقەر ۋىلايىتىدىكى كۆزىگە ئاق چۈشكەن، شەرتكە چۈشىدىغان، نامرات 200 ئاغرىقنى ھەقسىز كۆرۈش قۇۋۋىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلدى، ئابلا ئابدۇرېھىم بوۋاي شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى ئىدى.

    9-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇخبىرنىڭ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابىدىن ئىگىلىشىچە، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ كۈن نۇرى چۈشۈش ۋاقتى ئۇزۇن، ئۇلتىرا بىنەپشە نۇر كۈچلۈك، ئاممىنىڭ كۆز ساقلىقىنى ساقلاش ئېڭىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقىدىن كېلىپ چىققان كۆزگە ئاق چۈشۈش كېسىلىنىڭ بىر قەدەر كۆپلۈكىگە قارىتا، شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى ئۇدا تۆت يىل «يورۇقلۇق سەپىرى»نى تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يېڭىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىسار ناھىيەسى، يوپۇغا ناھىيەسى، مەكىت ناھىيەسىدىكى كۆزگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارنى ھەقسىز ئوپېراتسىيە قىلغان. ھازىرغىچە 1800دىن ئارتۇق ئوپېراتسىيە ئېلىپ بېرىلىپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ 7 مىليون يۈەنگە يېقىن داۋالىنىش خىراجىتى تېجەپ قېلىنغان. بۇنىڭدىن كېيىن يەنە ھەر يىلى 600دىن ئارتۇق ئوپېراتسىيەنى قىلىپ، قىيىنچىلىقى بار كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقلارغا قارىتا «داۋالاشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق داۋالاش»، «كەچۈرۈم قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى ئىمكانقەدەر كەچۈرۈم قىلىش»نى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

«يورۇقلۇق سەپىرى» داۋالاش ئەترىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقنى ئوپېراتسىيە قىلماقتا.

«يورۇقلۇق سەپىرى» داۋالاش ئەترىتى قەشقەر ۋىلايىتىدە كۆزىگە ئاق چۈشكەن ئاغرىقنى ئوپېراتسىيەدىن بۇرۇن تەكشۈرمەكتە.

كېيىنكى قەدەمدە، شەندۇڭنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش قوماندانلىق ئىشتابى «يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، يەنە «يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتىنى سۇپا قىلىپ، شەندۇڭ ئۆلكىسىدىكى تېخىمۇ كۆپ يۇقىرى سەۋىيەلىك دوختۇرخانىلار بىلەن ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى دوختۇرخانىلارنىڭ كۆز كېسەللىكلىرى كەسپىنىڭ چوڭقۇر ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايدىكى كۆز كېسەللىكلىرى بۆلۈمىنىڭ دوختۇرلىرىنى شەندۇڭ ئۆلكىسىگە كېلىپ بىلىم ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ، ياردەمگە ئېرىشكۈچى جايلارغا يۇقىرى سۈپەتلىك داۋالاش قوشۇنى يېتىشتۈرۈپ بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، كۆزگە ئاق چۈشۈش ئوپېراتسىيەسىنى قىلدۇرۇپ سالامەتلىكى ئەسلىگە كەلگەن ئاغرىقلار ۋەكىللىرىگە «شەندۇڭ سەپىرى» پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، شەندۇڭ بىلەن شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئالماشتۇرۇش، ئالاقىلىشىش، يۇغۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈپ، «يورۇقلۇق سەپىرى» پائالىيىتىنى شەندۇڭ-شىنجاڭ خەلقىنىڭ ھېسسىيات رىشتىسى ۋە ئالاقە كۆۋرۈكى قىلىپ قۇرۇپ چىقىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى