تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

قەلبداشلىق دەرىخى ئىتتىپاقلىق مېۋىسى بەردى

− 9- تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدىن خاتىرە (3)

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي

ئۈچ يىللىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىش يولى، شىنجاڭغا ئۆمۈرلۈك مۇھەببەت. بۇ مۇھەببەت خىزمەتداشلىق مۇھەببىتى، ئۇستاز - شاگىرتلىق مۇھەببىتى، قېرىنداشلىق مۇھەببىتى، تېخىمۇ مۇھىمى قويۇق مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مۇھەببىتىدۇر.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى.

9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىش خىزمىتىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئالاقىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىدىغان ھەربىر تۈرنى ئەلرايىنى ئۇتۇش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە قىلىپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىنى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش قۇرۇلۇشىغا ئايلاندۇرۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى بىرلىكتە بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى بىرلىكتە ئىشقا ئاشۇرماقتا.

ئۈچ يىل كۆڭۈل قويۇپ سۇغىرىش ئارقىلىق، ئەينى يىلى تىكىلگەن قەلبداشلار دەرىخى بۈگۈنكى كۈندە كىشىنى خۇشاللاندۇرىدىغان ئىتتىپاقلىق مېۋىسى بەردى.

بېرىش - كېلىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش

ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ئىشلەش، يىلتىز تارتقۇزۇپ ئىشلەش، ئاممىنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈپ ئىشلەشكە تۈرتكە بولدى.

«مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىدە، تۇرالغۇ ۋە شەھەر - يېزا قۇرۇلۇشى مىنىستىرلىقىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى(يېڭىشەھەر رايونى) رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رايون باشلىقى ۋاڭ تيەنشياڭ 60 نەچچە ياشلىق مەريەم ئەمەت بىلەن تۇغقانلاشتى. ھېيت - بايراملاردا ۋاڭ تيەنشياڭ كۆڭۈل قويۇپ سوۋغات تاللاپ موماينى يوقلىدى، ئىشى بولسۇن - بولمىسۇن دائىم موماينىڭ ئۆيىگە بېرىپ ھال - مۇڭ بولۇپ تۇردى. مەريەم مۇنداق دېدى: «ئۇ ھەمىشە ماڭا بەزىبىر خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى چۈشەندۈرىدۇ، يەنە ماڭا ياردەم قىلىپ قىزىمنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ بەردى، پارتىيەنىڭ بىزگە مۇشۇنداق ياخشى كادىرنى ئەۋەتكەنلىكىگە رەھمەت».

شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن نۇرغۇن كادىر بىلەن قوشماقلاشقان تۇغقانلار ئارىسىدىمۇ ۋاڭ تيەنشياڭ بىلەن مەريەمنىڭ ھېكايىسىگە ئوخشاش ھېكايىلەر بار.

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي - قانۇن كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بى دېگو ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى ئالتە مىللەتتىن بولغان توققۇز ئائىلە بىلەن تۇغقانلاشتى، 11 بالا قىزغىنلىق بىلەن ئۇنى «بېيجىڭلىق دادا» دەپ ئاتاشتى.

مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كۆپ خىل شەكىلدىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى پائال قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك بېرىش - كېلىش قىلىش، پاراڭلىشىپ قەلب ئىزھار قىلىش، جەم بولۇپ سىردىشىش جەريانىدا ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى كۈچەيتىپ، ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشتى.

ھېسسىيات ئۆزئارا بېرىش - كېلىش قىلىش جەريانىدا چوڭقۇرلىشىدۇ، ياخشى ئىش قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش جەريانىدا قويۇقلىشىدۇ.

شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىر، ئاپتونوم رايونلۇق يەرلىك پۇل مۇئامىلە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى شاۋ شياڭلى شىنجاڭغا كەلگەندىن كېيىن، «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلدى. ئۇ «كېچىڭىز مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش فوندى» تەسىس قىلىپ، ئاممىغا 300دىن ئارتۇق ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بەردى، ئۆزى يەنە يېنىدىن 200 مىڭ يۈەن چىقىرىپ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى.

ئىگىلىنىشىچە، 9 - تۈركۈمدە مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى، مەركەز كارخانىلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىسىدىن جەمئىي 481 ئائىلىدىكى 1634 كىشى بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشقان، پەقەت شەخسلەر قانات يايدۇرغان ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىش، نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش مەبلىغىلا جەمئىي 3 مىليون 700 مىڭ يۈەندىن كۆپرەككە يەتكەن.

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇشنى ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش قىلىپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ شىنجاڭنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ئىشلىرىنىڭ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. «بۇ بىرقانچە يىلدا، بىز مەۋقەنى مەدەنىيەت ئارقىلىق شىنجاڭغا ياردەم بېرىشكە قويۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى، بولۇپمۇ ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى چۆرىدەپ، تىرىشىپ ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىغا شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىدۇق، شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى تىكلىدۇق. مۇزىكا، ئۇسسۇل، شېئىر كىرىشتۈرۈلگەن <قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى>نى مەملىكەتلىك 12 - نۆۋەتلىك سەنئەت بايرىمىغا قاتناشتۇرۇپ ئورۇنلاشقا تەشكىللىدۇق، شىنجاڭدىكى تۇنجى زور ئېكرانلىق كىنو <يىراقتا قالغان چوپان ناخشىسى>نى ئىشلىدۇق، ئىجاد قىلىنغان ناخشا <بېيجىڭدىن جاۋاب خەت> <ئانار قىزاردى> مەملىكەتلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يللىقىنى تەبرىكلەش قاتارلىق مۇھىم ۋاقىت تۈگۈنىنى چۆرىدەپ، بىر قاتار نۇقتىلىق ئەدەبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىنى تەشكىللەپ يولغا قويدۇق، باش تېمىلىق مۇزىكا كېچىلىكى <ۋەتەنگە مەدھىيە> قاتارلىقلار ئاپتونوم رايون ئىچى - سىرتىغا شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق - ئىناق، مۇقىم - تەرەققىي قىلىۋاتقان ياخشى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ بەردى.» مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى جاڭ خۇڭ مۇنداق دېدى: «بۇ نومۇرلار ئاممىنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن كىچىك ھېكايىلەر ئاساسىدا ئىشلەنگەن بولۇپ، شىنجاڭدا يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يۈزبەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى سەنئەت شەكلى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە كەسىپ ساھەسىدىمۇ ناھايىتى يۇقىرى تەرىپكە ئېرىشتى».

شىنجاڭ ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۆھپە قوشۇۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار يەنە نۇرغۇن.

مەركەز ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دى دوخۇا «سېنى سۆيىمەن جۇڭگو. شىنجاڭ گۈزەللەشتى» «شىنجاڭ ياخشى جاي . دارېنلارنىڭ غەربكە ساياھىتى» قاتارلىق تور ئاساسىي تېمىلىق تارقىتىش پائالىيىتىنى پىلانلاپ يولغا قويدى، تارقىتىش مىقدارى 9 مىليارد 480 مىليون ئادەم قېتىمغا يەتتى؛ ئۇيۇشتۇرۇلغان «مەن شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىمەن» ناملىق چوڭ تىپتىكى تور ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ھەرىكىتى شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى 50 نەچچە توپتىكى 400 مىڭ كىشىنىڭ شىنجاڭغا ۋاكالىتەن سۆز قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنىڭ «شىنجاڭ ئەۋرىشكىسى»گە ئايلاندى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە كەسپىي ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئامما ياقتۇرىدىغان، كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرىدىغان شەكىللەر ئارقىلىق بىر قاتار تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى پىلانلاپ قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىدا «ئۈچ ئايرىلالماسلىق» ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.

ئەڭ چوڭ مەركەزداش چەمبەرنى سىزىپ چىقىش

ئۈچ يىلدىن بۇيان، مەركەز ئورۇنلىرىدىن شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرلار، ئىختىساسلىقلار كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئەۋەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن كەڭ دائىرىدە ئالاقىلىشىشى، چىن ھېسسىيات ئالماشتۇرۇشى، چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.

«نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتىن ئىبارەت بۇ جەڭدە مەن ئەزەلدىن يالغۇز جەڭ قىلىپ باقمىدىم.» جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى گو چىجۈن مۇنداق دېدى: «ھەرقايسى تەرەپلەردىكى جەمئىيەت كۈچلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا كۈچ قوشۇش مېنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەسئۇلىيىتىم».

ئۈچ يىلدىن بۇيان، گو چىجۈن جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، كومپيۇتېر، پىرىنتېر، نۇسخىئالغۇ ۋە تېلېۋىزوردىن 600نى ئىئانە قىلدۇردى، ئىئانە قىلىنغان ئوقۇغۇچىلار كونسۇلتاتسىيە كىتابى، سومكا، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە سايمانلىرى قاتارلىق بۇيۇملارنىڭ قىممىتى 100 مىڭ يۈەندىن ئاشتى؛ جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى تەتقىقات يۇرتى 30 مىڭ يۈەنلىك كىتاب ئىئانە قىلدى؛ جۇڭگو نېفىتچىلىك گۇرۇھى، جۇڭگو نېفىت - خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش»قا كۈچ قوشۇپ ئىئانە قىلغان پۇل ۋە ماددىي ئەشيا مىليون يۈەندىن ئاشتى...

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بەرگەن كادىرى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋاڭ خۇڭ ئەۋەتكۈچى ئورۇننىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا پائال تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە، بېيجىڭ شەھەرلىك سەھىيە - ساغلاملىق كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى بىلەن «بېيجىڭ - ئۈرۈمچى داۋالاش - سەھىيە ھەمكارلىق رامكا كېلىشىمى» ئىمزالىدى، بېيجىڭ شەھىرىدىكى توققۇز داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سەككىز داۋالاش - سەھىيە ئاپپاراتىغا نىشانلىق ياردەم بەردى، يۆلىدى.

ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما مەركەز ئورۇنلىرىدىكى كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر بىلەن چوڭقۇر قېرىنداشلىق مېھىر ئورناتتى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ مەركەزداش چەمبىرى بارغانسېرى چوڭ سىزىلدى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى بارغانسېرى مۇستەھكەملەندى. ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چىن قەلبىدىن: «بىزنىڭ تۇغقانلىرىمىز ھەممە يەردە بار، ناھىيەدە تۇغقانلىرىمىز بار، شەھەردە تۇغقانلىرىمىز بار، پايتەخت بېيجىڭدىمۇ تۇغقانلىرىمىز بار، بىز ئىناق ياشايدىغان بىر ئائىلە كىشىلىرى» دېيىشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى