تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش كېرەك

شى جىنپىڭ ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ مۇنداق تەكىتلىدى

دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىپ، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىش كېرەك

ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ قاتناشتى

9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ياۋ داۋېي فوتوسى)

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 9 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ئالىملار سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، «14 - بەش يىل» مەزگىلىدە دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىرلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىگە سېلىشتۇرغاندا پەن - تېخنىكا ئارقىلىق ھەل قىلىش لايىھەسىگە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇپ، ھەممىسى يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولۇۋاتىدۇ. دۆلىتىمىزدىكى كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىلىم - پەننىڭ ئېگىز چوققىسىغا چىقىش ئىشەنچى، ئىرادىسى، ئىقتىدارى بار. كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىپ، دۇنيا پەن - تېخنىكىسىنىڭ ئالدىنقى سېپىگە يۈزلىنىشتە، ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىشتە، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور ئېھتىياجىغا يۈزلىنىشتە، خەلقنىڭ ھاياتى، ساغلاملىقىغا يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز ھالدا پەن - تېخنىكىنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىغا قاراپ يۈرۈش قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خەن جېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

سۆھبەت يىغىنىدا، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شۈ كۇاڭدى، چىڭخۇا داشۆ گىرەلەشمە ئۇچۇر تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ياۋ چىجى، شىخۇ داشۆسىنىڭ مۇدىرى، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى شى يىگۇڭ، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى چېن زونىڭ، ئالىبابا گۇرۇھى تېخنىكا كومىتېتىنىڭ رەئىسى، جۇڭگو ئىنژېنېرلىق ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى ۋاڭ جيەن، جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى قەدىمكى ئومۇرتقىلىق ھايۋانلار ۋە قەدىمكى ئىنسانلار تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى فۇ چياۋمېي، بېيجىڭ خىمىيە سانائىتى داشۆسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك پىروفېسسورى دەي ۋېي قاتارلىق يەتتە نەپەر ئالىملار ۋەكىلى ئىلگىرى - كېيىن سۆز قىلىپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپلەرنى بەردى. شى جىنپىڭ سۆز قىلغان ھەربىر ئالىم بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، بىر قىسىم مۇھىم، زور پەن - تېخنىكا مەسىلىلىرى ۋە پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىش مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلدى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: كۆپچىلىك ناھايىتى ياخشى سۆزلىدىڭلار، ئۆزۈڭلارنىڭ تەتقىقات ساھەسىگە بىرلەشتۈرۈپ نۇرغۇن قىممىتى بار پىكىر ۋە تەكلىپ بەردىڭلار، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ ئەستايىدىل تەتقىق قىلىپ قوبۇل قىلىشىنى سورايمەن.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بىرىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىشتا چىڭ تۇردۇق. پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىلىق، دۆلىتىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. مۇھىم، زور يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى كەينى - كەينىدىن بارلىققا كېلىپ، بىر قىسىم ئالدىنقى سەپ ساھەلىرى تەڭ يۈگۈرۈش، يېتەكلەپ يۈگۈرۈش باسقۇچىغا قەدەم قويۇپ، پەن - تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى مىقدار جۇغلاشتىن سۈپەتكە قاراپ ھالقىپ، نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشتىن سىستېمىلىق ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە قاراپ يۈزلەندى. بۇ قېتىمقى يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش جەريانىدا، كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى داۋالاش، ۋاكسىنا تەتقىق قىلىپ ياساش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش قاتارلىق كۆپلىگەن مۇھىم ساھەلەردە پەن تەتقىقات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، مۇھىم، زور تۆھپە قوشتى. مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، مەن كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن!

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: بۈگۈنكى دۇنيا 100 يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى دۇچ كەلگەن ئىچكى - تاشقى مۇھىتتا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولدى، دۆلىتىمىزنىڭ «14 - بەش يىل» مەزگىلىدىكى ھەمدە تېخىمۇ ئۇزاق مەزگىللىك تەرەققىياتى پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىشكە تېخىمۇ جىددىي تەلەپ قويدى. پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنىڭ ئېھتىياجى، خەلقنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تۇرمۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ئېھتىياجى، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنىڭ ئېھتىياجى، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىنى ئوڭۇشلۇق باشلاشنىڭ ئېھتىياجى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلىتىمىز نۇرغۇن پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە، كۆلىمى زور تەتقىق قىلىش، ئېچىش سېلىنمىسىغا ئىگە، ئاچقۇچ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى ياخشىلاپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىپ، كەڭ ئالىملار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە تالانتىنى نامايان قىلىدىغان سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز بارلىققا كەلتۈرۈشتە. ئېھتىياج يۆنىلىشى ۋە مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، تېز بۆسۈش ھاسىل قىلالايدىغان، مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلالايدىغان تېخنىكىلارنى چىڭ تۇتۇپ ئالغا سىلجىتىش؛ ئىستراتېگىيەلىككە ئىگە بولغان، بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئېھتىياجلىق تېخنىكىلارنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرما قىلىش كېرەك. دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغان ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا بايلىقىنى تەقسىملەشنى بىرىكتۈرۈپ، ئەلالاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى چىڭ تۇتۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ بىرىكتۈرۈپ، بىر تۈركۈم دۆلەت تەجرىبىخانىلىرىنى قۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ تەجرىبىخانا سىستېمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ پەن تەتقىقاتتىكى مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم ساھەلەردىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئۇل تەتقىقاتنى ئىزچىل كۈچەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇل تەتقىقات ساھەسىنىڭ يۆنىلىشى ۋە تەرەققىيات نىشانىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ئۇل تەتقىقات سېلىنمىسىنى زورايتىپ، مالىيە، پۇل مۇئامىلە، باج قاتارلىق جەھەتلەردە زۆرۈر سىياسەت مەدىتى بېرىپ، ئۇل تەتقىقاتقا پايدىلىق ياخشى پەن تەتقىقات ئېكولوگىيەسىنى بەرپا قىلىپ، ئىلمىي باھالاش سىستېمىسى، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، سىجىل، ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەپ، يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مائارىپنى تېخىمۇ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، مائارىپ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە، بىيولوگىيە قاتارلىق ئاساسىي پەنلەر قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، شارائىتى يار بېرىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى ئۇل تەتقىقات، گىرەلەشمە پەنلەرگە مۇناسىۋەتلىك پەن كەسىپلىرىنى پائال تەسىس قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئاساسىي پەنلەر بويىچە تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئىسلاھاتقا تايىنىپ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، پەن - تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق غايەت زور يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك قويۇپ بېرىپ، «ئىلمىي ماقالە ھەممىنى بەلگىلەش، ئۇنۋان ھەممىنى بەلگىلەش، ئوقۇش تارىخى ھەممىنى بەلگىلەش، مۇكاپات تۈرى ھەممىنى بەلگىلەش»نى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك. خەلقئارا پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى يېڭىلىق يارىتىش تورىغا تېخىمۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىڭىپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىلىم - پەن مۇۋەپپەقىيەتلىرى مەنىۋى تىرەكتىن ئايرىلالمايدۇ. ئالىملار روھى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئۇزاق مەزگىللىك پەن ئەمەلىيىتى داۋامىدا جۇغلىغان قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەت مەنپەئىتى ۋە خەلق مەنپەئىتىنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، پېشقەدەم ئالىملارنىڭ ۋەتەننى قەلبىگە پۈكۈش، خەلققە مۇلازىمەت قىلىشتەك ئېسىل خىسلىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئىككى بومبا، بىر سۈنئىي ھەمراھ» روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، تارىخنىڭ ئېغىر ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئۆزىنىڭ ئىلىم - پەنگە بولغان ئىنتىلىشىنى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئىشقا سىڭدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن. كەڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى ئىجاد قىلىشقا جۈرئەت قىلىشتەك جەسۇرانە ئىرادە تىكلەپ، يېڭى نەزەرىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇش، يېڭى ساھە ئېچىش، يېڭى يول ئۈستىدە ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلىپ، خاس ئىجادىيەت، ئۆزگىچە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشى كېرەك. يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىجادىي نەتىجىلەرنى كۆپلەپ چىقىرىپ، ئىلىم - پەن سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى ئۆزىنىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرىغا بېرىلىپ، تىرىشىپ تەتقىق قىلىشقا، شۆھرەتپەرەسلىك قىلماسلىققا، نام - مەنپەئەت قوغلاشماسلىققا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىزدىنىشكە جۈرئەت قىلغان، ئىلىم - پەنگە ئۆزىنى بېغىشلىغان تەسىرلىك ئىش ئىزلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىش كېرەك. قىزىقىش ئادەمنىڭ تۇغما تەبىئىتى، ئىلىم - پەنگە بولغان قىزىقىشقا يېتەكلەش ۋە ئۇنى يېتىلدۈرۈشنى بالىلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئۇلارغا تېخىمۇ كۆپ ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى چۈشەندۈرۈپ، ئىلمىي ئۇسۇلنى ئىگىلىتىپ، زور بىر تۈركۈم ئالىم يوشۇرۇن ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان ياشلار، ئۆسمۈرلەر توپىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى ۋە ھۆكۈمەتلەر ھەمدە ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكنى ھۆرمەتلەپ، بىلىمنى ھۆرمەتلەپ، ئىختىساسلىقلارنى ھۆرمەتلەپ، ئىجادىيەتنى ھۆرمەتلەپ، ئىلمىي تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە ئەمەل قىلىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بارلىققا كېلىشىگە تۈرتكە بولۇش ھەمدە رېئال ئىشلەپچىقىرىش كۈچىگە ئايلاندۇرۇشى كېرەك. رەھبىرىي كادىرلار يېڭى ئىلىم - پەن بىلىملىرىنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، يەر شارىۋى پەن - تېخنىكىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە دىققەت قىلىشى كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، سۈن چۇنلەن، چېن شى، خۇاڭ كۇنمىڭ، ۋەن گاڭ، خې لىفېڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ئالىملار ۋەكىلى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.