تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

لى پېڭشىن ئۈرۈمچى ناھىيەسىدە ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلەرنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جاۋ جىيۈن خەۋەر قىلىدۇ: 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ئۈرۈمچى ناھىيەسى يۇڭفېڭ ئوتتۇرا مەكتىپى، شۈيشىگۇ ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىيات خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە ئوقۇش باشلاپ دەرسنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەشنى نۆۋەتتىكى بىر تۈرلۈك مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، باشتىن - ئاخىر كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت بۇ كىرىچنى ھەر ۋاقىت چىڭىتىپ، مەكتەپلەرنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك تەدبىرلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپتە يۇقۇم يۈزبېرىشنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ خاتىرجەملىكىنى ياخشى مۇھاپىزەت قىلىپ، مەكتەپنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا، لى پېڭشىن مەكتەپنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى باشقۇرۇش، ئوقۇتۇش مۇھىتىنى دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ماددىي ئەشيالىرى كاپالىتى قاتارلىق خىزمەت ئەھۋاللىرىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، ئوقۇتۇش بىخەتەرلىكى، غىزالىنىش بىخەتەرلىكى، ياتاق بىخەتەرلىكى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتۇپ، تەدبىرلەرنى ئىلمىي، دەل جايىدا ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى يەنىمۇ تولۇق ئويلىشىپ، يەنىمۇ قاتتىق، يەنىمۇ پۇختا ھالدا ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ ساغلاملىقىنى كۆزىتىش - ئۆلچەش، ۋاقىت ئايرىپ تاماق بېرىش، ماددىي ئەشيا كاپالىتى قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، بىخەتەرلىكنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. سەھىيە ساغلاملىق بىلىملىرى تەشۋىقاتى ۋە پىسخىك ساغلاملىق تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنى ياخشى تۇرمۇش ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلەپ، ئۆزى مۇداپىئەلىنىش ئېڭى ۋە ئۆزى ئالدىنى ئېلىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. مەكتەپكە كىرىپ - چىقىشنى باشقۇرۇش ۋە سىنىپ، ئاشخانا، ئوقۇغۇچىلار ياتىقى قاتارلىق نۇقتىلىق سورۇنلاردا ھاۋا ئالماشتۇرۇش، دېزىنفېكسىيەلەش قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىر قولدا يۇقۇمدىن مۇداپىئەلىنىشنى تۇتۇش، بىر قولدا ئوقۇتۇشنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش مەسئۇلىيىتىنى ئوقۇتۇش، ئارقا سەپ، باشقۇرۇشتىكى ھەربىر ئىش ئورنىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ھەربىر نۇقتىغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەكتەپكىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئادەمگىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئىشلارغىچە دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مائارىپ، سەھىيە، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش، بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق تارماقلار ماسلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت لايىھەسى ۋە تۈرلۈك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تولۇقلاپ، مەكتەپلەرنىڭ مۇھىت تازىلىقىنى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈل - كېسىل تۈزەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش كۈچلىرىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق تەقسىملىشى كېرەك. يېمەكلىك بىخەتەرلىكى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېمەك - ئىچمەك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. مۇۋاپىق ۋاقىت ئارىلىقى قالدۇرۇپ غىزالىنىشنى باشقۇرۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توپلىشىپ غىزالىنىش ۋە توپلىنىش خاراكتېرلىك پائالىيەتلەردىن ساقلىنىش كېرەك. ئوقۇتۇش پىلانىنى تەڭشەپ، ئەلالاشتۇرۇپ، ئوقۇتۇش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ ئەمەلىيلىشىشى، مەكتەپ بىخەتەرلىكى، ئوقۇتۇشنىڭ تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

لى پېڭشىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتلىرى سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىسىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى شۇجىلىرى بىرىنچى مەسئۇل كىشىلىك مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، ئىش ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئالدىغا ئۆتۈپ قوماندانلىق قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىش، مەسئۇلىيەت ئالدىدا جاۋابكار بولۇش، مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەرقايسى مەكتەپلەر مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇقاتلام چىڭىتىپ، بارلىق ئوقۇتقۇچى، ئىشچى - خىزمەتچىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقىنى قوزغاپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، كەڭ ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر، خاتىرجەم ئۆگىنىش، تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيرۇڭ بىللە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى