تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   تەنتەربىيە

شىرئەلىجان ئۈچ يىللىق ئەڭ يۇقىرى مائاش توختامى بىلەن تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلدى

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرىمىز يۈ روچى خەۋەر قىلىدۇ): 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسىللىك CBA بىرلەشمە مۇسابىقىسى دۆلەت ئىچى ماھىرلار تىزىملىكى رويخەت ئۇچۇرىنى يېڭىلىدى، نەنجىڭ تۇڭشى كوماندىسى يېڭىدىن قوشۇلغان ماھىر جاۋۇنگېر قۇسايىن، شىرئەلىجان مۇختەر، ليۇ يۈنەن، ۋاڭ خاۋيۈ، لى خۇڭپېڭ، گو يىفېي ۋە ۋاڭ رۈي قاتارلىق يەتتە توپچىنىڭ رويخەتكە ئالدۇرغان ماتېرىيالىنى تاپشۇرغان، ئۇچۇر جەدۋىلىدىن كۆرىۋېلىشقا بولىدۇكى، شىرئەلىجان ئۈچ يىللىق ئەڭ يۇقىرى مائاش توختامى بىلەن تۇڭشى ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قوشۇلغان.

ئارقىدىنلا نەنجىڭ تۇڭشى داشېڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبى شىرئەلىجاننىڭ بىرلەشمىگە كىرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان، شىرئەلىجانمۇ ئۆزىنىڭ شەخسىي ئالاقە سۇپىسىدا كۇلۇب ئالمىشىش خەۋىرىنى ئېلان قىلغان.

نەنجىڭ تۇڭشى داشېڭ ۋاسكېتبول كۇلۇبىنىڭ ۋېيبوسىدىكى خەۋەرنىڭ كەسمە سۈرىتى.

شىرئەلىجاننىڭ ۋېيبوسىنىڭ كەسمە سۈرىتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى