تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاقىل شەھەر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد كۆرگەزمىسى باشلاندى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى رەقەملىك ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال سارىيىدا مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ياسىغان ئۆزەك پىلاستىنكا تېخنىكىسىنى تونۇشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: 9-ئاينىڭ 11-كۈنى، 10-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاقىل شەھەر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد كۆرگەزمىسى جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھەرلىك خەلقئارا يىغىن-كۆرگەزمە مەركىزىدە باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك ئاقىل شەھەر ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىقتىساد كۆرگەزمىسىدە دىققەت نۇقتىلىق ھالدا ئاقىل شەھەر ۋە رەقەملىك ئىقتىساد، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش قاتارلىق باش تېمىغا مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، رەقەملىك ئىقتىساد ئۇنىۋېرسال سارىيى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش سارىيى، ئاقىل شەھەر سارىيى ۋە رەقەملىك تېخنىكا سارىيى قاتارلىق تۆت كۆرگەزمە سارىيى تەسىس قىلىندى، دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى 300 گە يېقىن كارخانا (ئاپپارات) كۆرگەزمىگە قاتناشتى.

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىنلار ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىنلار رەقەملىك ئىقتىساد سارىيىدا پۇتسىمان ماشىنا ئادەمنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىن ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياساش سارىيىدا 5G تېخنىكىسى قوللىنىلغان  ئويۇننى سىناپ باقتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشىبىنلار ئاقىل شەھەر سارىيىدا نىڭبو شەھىرىنىڭ چوڭ مېڭىسى كۆرگەزمە رايونىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 11-كۈنى، تاماشبىنلار رەقەملىك تېخنىكا سارىيىدا ماشىنا ئادەم سىستېمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى خۇاڭ زوڭجى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى