تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   پەن-مائارىپ

يېزا باشلانغۇچ مەكتىپىدە مائارىپقا ۋارىسلىق قىلىش

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شياۋپىڭ تەنەپپۇستا بالىلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇرماقتا.

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى خېڭدوڭ ناھىيەسى خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى 52 يىللىق تارىخقا ئىگە بىر يېزا مەكتىپى. 34 يىللىق يېزا مائارىپ تەجرىبىسىگە ئىگە، بۇ يىل 55 ياشقا كىرگەن چېن شياۋپىڭنىڭ بۇ يەردە ئىشلەۋاتقىنىغا 12 يىل بولدى. خېلى ۋاقىتتىن بۇيان، ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئازىيىپ كەتكەچكە، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە پەقەت ئۇ بىرلا ئوقۇتقۇچى بولۇپ، 10 نەچچە بالىنى ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى.

  بۇ يىل 9-ئاينىڭ 3-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپى ئاخىرى بىر يېڭى ئوقۇتقۇچىسۇ جىڭتاۋنى كۈتۈۋالدى. دادىسىمۇ ئىلگىرى يېزا مائارىپى بىلەن شۇغۇللانغانلىقتىن، سۇ جىڭتاۋنىڭ كىچىك ۋاقتىدىكى ئارزۇسى بىر يېزا ئوقۇتقۇچىسى بولۇش ئىدى. بۇ ئوقۇش مەۋسۇمىدە، ئۇ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىلتىماس قىلىپ خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىگە كەلدى، نۆۋەتتە 3-يىللىقنىڭ ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، ئىنگلىز تىلى  قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئوقۇتۇش خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالدى. بىر پېشقەدەم، بىر ياش ئىككى ئوقۇتقۇچى خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلارنىڭ ئوقۇش ئارزۇسىغا تىرەك بولدى. يېزا مائارىپىنىڭ ئۇچقۇنى ئەۋلادمۇئەۋلاد يەتكۈزۈلمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھىرى خېڭدوڭ ناھىيەسى خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە، چېن شياۋپىڭ مۇئەللىم (سولدا) بىلەن سۇ جىڭتاۋ مۇئەللىم تەنەپپۇستا ئوقۇتۇش تەجرىبىسى ھەققىدە پىكىر ئالماشتۇرماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شياۋپىڭ ئوقۇغۇچىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى سۇ جىڭتاۋ بىر بالىنىڭ ئولتۇرۇش ھالىتىنى ئوڭشىشىغا ياردەم بەرمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى چېن شياۋپىڭ بالىلارغا دەرس ئۆتمەكتە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار تەنەپپۇستا گىمناستىكا مەيدانىدا ئويۇن ئوينىدى (ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان سۈرەت). شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

9-ئاينىڭ 9-كۈنى، خېچۈەن باشلانغۇچ مەكتىپىدىكى بالىلار تەنەپپۇستا ئوينىماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاۋ جوڭجى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى