تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   بىڭتۇەن

كىچىك شەھەر-بازارلار بەخت-سائادەتكە تولدى

بىڭتۇەن گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خۈي يۆئې خەۋىرى): 7-شى 129-تۇەنگە كىرسىڭىز، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئولتۇراق بىناسىنىڭ قاتار-قاتار سېلىنغانلىقىنى، دۇكانلارنىڭ پاكىز، رەتلىك ئىكەنلىكىنى، ئولتۇراق رايوندىكى سالقىنداۋاتقان ياشانغانلار، ئويناۋاتقان بالىلارنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمىنىڭ ئۇرغۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرىسىز.

ئېقىنتال شەھىرى ئەتراپىغا جايلىشىشتەك رايون ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، 129-تۇەن شەھەر-بازار قۇرۇلۇشىنى ۋاسىتە قىلىپ، سودىگەر چاقىرىش، مەبلەغ جەلپ قىلىش ۋە تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈش ئارقىلىق يورۇتۇش، كۆكەرتىش، گۈزەللەشتۈرۈش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بوغدا كۆلى چوڭ كوچىسى، ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىنىڭ مۇھىت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزگەرتىپ، پىيادىلەر يولى ياساپ، ھەر خىل يول چىراغلىرىنى ئورناتتى؛ بەيخۇا سودا كوچىسى بەرپا قىلىپ، يېڭىدىن سودا دۇكىنى ئېچىپ، جايلاردىكى تىجارەتچىلەرنى تۇەن-چاڭلارغا كېلىپ دۇكان ئېچىشقا جەلپ قىلدى، تۇەن-چاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھاياتىي كۈچكە تولغان مەنزىرە نامايان بولدى.

بۇ يىل 68 ياشقا كىرگەن پېنسىيەگە چىققان ئىشچى لى گورۇڭ تۇەن-چاڭدا ئىزچىل ياشاپ كەلگەن بولۇپ، سەككىز يىل ئىلگىرى پېنسىيەگە چىقىپلا خوتۇنى بىلەن ليەندۈيدىن ئازادە، يورۇق، سۇ، توك، پار تولۇق بىنا ئۆيگە كۆچۈپ كىردى. ھەر كۈنى دېگۈدەك كەچقۇرۇنلىرى خوتۇنى بىلەن باغچىسىمان ئولتۇراق رايوندا سەيلە قىلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، گۈزەل تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلاندى.

«ئەينى يىللىرى، بىز گەمىدە، كېسەك ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، يامغۇر ياغقان كۈنلىرى يول پاتقاق بولۇپ كېتەتتى. تەسەۋۋۇر قىلىشقا پېتىنالمايمەن، ھازىر بىزمۇ مۇشۇنداق چىرايلىق بىنا ئۆيلەردە ئولتۇرالايمىز، ھەر كۈنى سۈرەتتەك چىرايلىق ئولتۇراق رايوندا ياشايمىز» تۇەن-چاڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەندىن كېيىن، لى گورۇڭ قاتتىق ھاياجانلاندى.

ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشىنى بېيىتىش ئۈچۈن، 129-تۇەن 23 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ مەدەنىيەت باغچىسى قۇردى، باغچا ئىچىگە خۇاشى مەنزىرە بەلبېغى، تۆت پەسىللىك گۈللۈك ئورمان، بەدەن چېنىقتۇرۇش پىيادىلەر يولى، بالىلار كۆڭۈل ئېچىش رايونى قاتارلىقلار تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تاماقتىن كېيىن ئارام ئېلىپ، كۆڭۈل ئېچىپ، بەدەن چېنىقتۇرىدىغان ئەڭ ياخشى سورۇنىغا ئايلاندى. بۇ يىل 129-تۇەن يەنە باغچا ئىچىگە ئېلېكتىرونلۇق ئېكران ئورنىتىپ، تۇەن-چاڭنىڭ خەۋەرلىرىنى تەكرار كۆرسەتتى.

129-تۇەن خاس كىچىك بازار قۇرۇلۇشىنى تىرەك قىلىپ، مۇھىتى گۈزەل، ياشاشقا، ساياھەت قىلىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە باب كېلىدىغان گۈزەل شەھەر-بازار بەرپا قىلىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى، ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت ۋە ئىلھام بېرىپ، شەھەر-بازارلارنىڭ كەسىپلەرنى توپلاش، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسىنىڭ تۇرمۇشىدىكى بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى.

بۇ يىل يازدا، 129 - تۇەندىكى ئەڭ ئاۋات مەززىلىك تائاملار كوچىسىدا، كۆلىمى 2000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان شىڭگۇاڭ كەچلىك بازىرى رەسمىي تىجارەت باشلىدى، يېڭىچە يايما ئورنى لايىھەلىنىپ، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان نېئون چىرىغى 500دىن ئارتۇق كىشىنى سىغدۇرالايدىغان كەچلىك بازارنى يورۇتتى. تۇەن-چاڭدىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاممىسى بەس-بەستە كەچلىك بازارغا كىرىپ مەززىلىك تائاملارنى تېتىپ، كىچىك شەھەر-بازارلارنىڭ كېچىلىك تۇرمۇشىدىن ھۇزۇرلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى