9-ئاينىڭ 7-كۈنى، شىيەن جۇڭيى دوختۇرخانىسى 5-شى قوشئۆگۈز شۆبە دوختۇرخانىسىدىكى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان دوختۇرلار بورتالا شەھىرىنىڭ خەيشى چارۋىچىلىق مەيدانىغا كېلىپ خالىس كېسەل كۆردى. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا كۆپ قوزغىلىدىغان كېسەللىك، دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان تۆت دوختۇر چارۋىچىلارغا كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئۇلارغا دورا يەتكۈزۈپ بېرىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش مۇلازىمىتىنى «ئەڭ يىراق بىر كىلومېتىر»غىچە يەتكۈزدى.
لۈ شيەنلىن، لى خاۋ فوتوسى، خەۋىرى
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى