كۆكدالا 9-ئاينىڭ 9-كۈنى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر جياڭ خۇڭليەن، لو بېنجېڭ) 9-ئاينىڭ 6-كۈنى، 4-شى 67-تۇەن 7-ليەن يولىدا، ئىشچىلار پىيادىلەر يولىغا رەڭلىك خىش ياتقۇزۇۋاتاتتى. بۇ يىل ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش خىزمىتى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، بۇ تۇەن ئۇنىۋېرسال مۇھىتنى تۈزەش، پاسكىنا سۇنى تۈزەش، ئائىلىلەرنىڭ ھاجەتخانىلىرىنى ئۆزگەرتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەشنى قاتتىق تۇتۇپ، گۈزەل ليەندۈي قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتتى. ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، 67-تۇەن ليەندۈينىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى تۈزەش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت تەلىپى بويىچە، 20 مىليون يۈەندىن ئارتۇق تۈر مەبلىغىنى قولغا كەلتۈرۈپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى ليەندۈينىڭ پاسكىنا سۇ تۇرۇبا تورى ياتقۇزۇش، ھاجەتخانىلارنى ئۆزگەرتىش، ئاممىۋى ھاجەتخانا قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلەرگە ئىشلىتىپ، مۇھىتنى پاكىزلاش «باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش، نازارەت قىلىش»تىن ئىبارەت ئۈچ جايىدا بولغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، تازىلاش، گۈزەللەشتۈرۈش، كۆكەرتىش قاتارلىق پائالىيەتلەرنى دائىملىق قانات يايدۇردى.
ئىگىلىنىشىچە، 67-تۇەن يەنە ليەندۈينىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، مۇھىت قىياپىتىنى ياخشىلاش، مەدەنىي يېزا ئىستىلى بەرپا قىلىش، ئۆزگىچە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە زور كۈچ سەرپ قىلىپ، ليەندۈينىڭ ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاپ، ئىشچى-خىزمەتچى ئاممىنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بۇ تۇەن مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىپ، كونا قائىدە-يوسۇن، ناچار ئادەتلەرنى چۆرۈپ تاشلىشىغا تۈرتكە بولدى.
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى