تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز لى مىڭشېڭ خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، دېھقان ئائىلىسى قارا مېۋىلىك چېتەن ئۈزمەكتە. ھازىر، شىنجاڭ تارباغاتاي ۋىلايىتى چاغانتوقاي ناھىيەسى جىيەك بازىرى ئورتاش كەنتىدىكى قارا مېۋىلىك چېتەن بازىسىدا، پىشىپ كەتكەن مېۋىلەر شاخلارغا لىق تولغان بولۇپ، مول ھوسۇل مەنزىرىسى كۆرۈنۈپلا تۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، قارا مېۋىلىك چېتەن يېمەكلىككە ئىشلىتىش، دورىغا ئىشلىتىش، باغ ۋە ئېكولوگىيە قاتارلىق قىممەتلەرنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن قىممەتلىك دەرەخ تۈرى ئىكەن. چېتەن مېۋىسى ۋە ئۇنىڭدىن ئايرىۋېلىنغان ماددا ئوكسېدلىنىشقا قارشى تۇرۇش، ياللۇغ قايتۇرۇش، راكقا قارشى تۇرۇش، قان شېكىرىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق تەرەپلەردە كۆرۈنەرلىك بىيوئاكتىپلىققا ئىگە بولۇپ، يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىرىگە قارىتا ئالاھىدە داۋالاش ئۈنۈمىگە ئىگە ئىكەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، چاغانتوقاي ناھىيەسى خاس تېرىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر قىزىل، بىر يېشىل، بىر قارا» (قىزىلگۈل، مامكاپ، قارا مېۋىلىك چېتەن) قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ئۈستۈنلۈكىنى زىچ چۆرىدەپ، دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىتىشتىكى يېڭى يولنى ئاچتى.