يېقىندا ئامېرىكىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتىدا بايقىلىشىچە، ھەرىكەت سېرىق داغ ئۆزگىرىشىنىڭ يۈزبېرىشى، ئىلگىرىلىشىنى كېچىكتۈرىدىكەن ھەمدە گلاۋكوما ۋە دىيابېت كېسىلى كۆرۈش تور پەردىسى كېسەللىك ئۆزگىرىشى قاتارلىق بىر قىسىم دائىم كۆرۈلىدىغان ئەما بولۇپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كۆز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن.
ئامېرىكا ۋېرگىنىيە داشۆسى تېببىي شۆيۈەنى كوللېكتىپى ئىككى قېتىم كىچىك چاشقان تەجرىبىسى ئىشلىەپ، ھەرىكەتنىڭ كىچىك چاشقاننىڭ كۆز قىسمىدىكى زىيانلىق قان تومۇرلارنىڭ زىيادە ئۆسۈشىنى %45 ئازايتىدىغانلىقىنى بايقىغان. تەتقىقاتچىلار يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دەلىللەپ، ئاخىرىدا ھەرىكەتنىڭ كۆز قىسمىدىكى %32 قان تومۇر مەسىلىسىنى ئازايتقانلىقىنى دەلىللىگەن.
ۋېرگىنىيە داشۆسى ئالىي كۆرۈش سېزىمى ئىلمى مەركىزىنىڭ تەتقىقاتچىسى، دوكتور برادلېي گالفېند مۇنداق كۆرسەتتى: ھەرىكەت ئارقىلىق كۆزنى روشەنلەشتۈرۈش بەدەن پائالىيىتىنىڭ كۆز قىسمىدىكى قاننىڭ ئېقىش مىقدارىنى ئاشۇرۇشىدەك كۆپ خىل ئامىللارنىڭ نەتىجىسى بولۇشى مۇمكىن. ئەمەلىيەتتە، ھەرىكەت ئوتتۇرا ياش ۋە ياشانغانلارنىڭ يېشىنىڭ چوڭىيىشى سەۋەبىدىن كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ چېكىنىشىنى كېچىكتۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، دالا پائالىيىتى يەنە ياشلار، ئۆسمۈرلەرنىڭ يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا پايدىلىق. بىر تۈرلۈك تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بالىلار ھەر ھەپتىدە تەبىئىي قوياش نۇرىدا 14 سائەت ئوينىسىلا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك خەۋپىنى تۆۋەنلىتەلەيدىكەن.
(تىيانشان تورىدىن تەرجىمە قىلىندى)