تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش

«90-يىللاردا تۇغۇلغان» يىگىت غاز بېقىپ بېيىدى

ۋاڭ مېڭچاۋ غاز باقماقتا.

تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ جىنفېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ ۋېنتىڭ خەۋىرى، فوتوسى): يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسى مول ئورمان بەلبېغى ۋە ئوتلاق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئورمانغا كىرىشتۈرۈپ تېرىش، باقمىچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئورمان ۋە ئوتلاقتا غاز بېقىشنى تەدرىجىي كۆلەملەشتۈرۈپ، ئورمان بەلبېغىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى ۋە ھوسۇل بېرىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئورمان باقمىچىلىقىنى شۇ جايدىكى پۇقرالارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى يېڭى يولغا ئايلاندۇردى.

كۈنەس ناھىيەسى ئارالتۆپە بازىرى ئۇچكەپتەر كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ۋاڭ مېڭچاۋ دەل شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.

9-ئاينىڭ 1-كۈنى، مۇخبىر ۋاڭ مىڭچاۋنىڭ باقمىچىلىق بازىسىدا، مىڭلىغان ئاق غازنىڭ ئورمانلىقتا ۋە ئوتلاقتا دانلاۋاتقانلىقىنى كۆردى.

2019- يىلى، داشۆنى پۈتكۈزگەن ۋاڭ مېڭچاۋ بازار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، ئىككى ساۋاقدىشى بىلەن بىرلىكتە 170 مىڭ يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ئون مو يەرنى ئىجارىگە ئېلىپ، بىر كاتەك سېلىپ، بۇ يىل 6 - ئايدىن باشلاپ غاز بېقىشقا باشلىدى، شەندۇڭدىن 2000 دانە غاز چۈجىسى سېتىۋالدى. ھازىر ھەر بىرىنى 100 يۈەندىن 600 غاز ساتتى، قالغىنىنى قورغاس ناھىيەسىدىكى بىر يېمەك-ئىچمەك كارخانىسى زاكاز قىلدى.

ۋاڭ مېڭچاۋ ۋە شېرىكى قۇنۇس قۇربانجان، بالغىن ئادىلجاننىڭ ھەممىسى «90-يىللاردا تۇغۇلغان» يىگىتلەر. ۋاڭ مىڭچاۋنىڭ ئېيتىشىچە، تۇنجى قېتىملىق باقمىچىلىقتا، ئۇلارنىڭ تېخنىكىسى كەمچىل بولغاچقا، ئۇلار توردا ئۆگىنىپ، شەندۇڭ تەيجوۋ غاز فېرمىسىدىكى تېخنىكلارنى تېخنىكا ئۆگىتىشكە تەكلىپ قىلغان. 8-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى ۋە ئاخىرىلىرىدا، ھەر بىر غازنىڭ ئېغىرلىقى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆت كىلوگىرامغا يېتىپ، ھەر كىلوگىرامىنى 25 يۈەندىن سېتىپ، بازاردا ناھايىتى ئالقىشقا ئېرىشكەن.

باقمىچىلىق جەريانىدا، ۋاڭ مېڭچاۋ ۋە ئۇنىڭ شېرىكلىرى يەنە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، بازار، كەنت كادىرلىرى ۋە «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» بويىچە كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى ئەزالىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ياردەم بېرىشى بىلەن مەسىلە ھەل بولدى.

«بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، مەن ئىچكىرى رايونلارغا بېرىپ سىستېمىلىق غاز بېقىش تېخنىكىسىنى ئۆگىنىپ، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كاتەكنى يېڭىلاپ، ئۆزگەرتىپ، يەنە ئىككى ئۆلچەملىك مايسا يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش لاپىسى سېلىپ، باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىمەن. ھازىر بىزنىڭ ئۈچ ئىشچىمىز بار، باقمىچىلىق كۆلىمى كېڭەيتىلگەندىن كېيىن، ئىشچىلار كۆپىيىدۇ، بىزنىڭ پىرىنسىپىمىز شۇ كەنتتىكى ئارخىپ تۇرغۇزۇلۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات ئاھالىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئالدىن ھەل قىلىش. مەن ئورمانلىقتا غاز بېقىشتىن ئىبارەت بۇ بېيىش يولىغا ئۈمىدۋار قارايمەن» دېدى ۋاڭ مېڭچاۋ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى