ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر جاۋ مىن): يېقىندا، مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنىڭ تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ لىخۇا(گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ مېۋىچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى، شىنجاڭ گۇەننۇڭ گورۇڭ پاي چەكلىك شىركىتىدىن ئىبارەت ئۈچ كارخانا بۇ تىزىملىككە كىردى.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى، مۇخبىرنىڭ يېزا ئىگىلىكى، يېزا مىنىستىرلىقى باشقۇرغۇچى تەرەپ تور بېكىتىدىن ئىگىلىشىچە، «گوۋۇيۈەننىڭ يېزا، كەنتلەردە كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرى»نى ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، 2019-يىلى مەملىكەت بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىدىكى 100 كۈچلۈك كارخانىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتى ئۇيۇشتۇرۇلغان.
شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى پەن يىڭلىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كارخانا ئۆز ئالدىغا ئىلتىماس قىلىدۇ، مۇتەخەسسىسلەر تىجارەت كۆلىمى، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئەھۋالى، كۇرسلۇق مەھسۇلات قۇرۇلۇشى، جەمئىيەتكە تۆھپە قوشۇش ئەھۋالى، ئېشىش ۋەزىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردىن ئۇنىۋېرسال باھالايدۇ، بۇ ئۈچ كارخانىنىڭ ھەممىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش ساھەسىدىكى داڭلىق چوڭ كارخانا بولۇپ باھالاندى، ئۇلارنىڭ كەسىپ دەرىجىسى يۇقىرى، كارخانا كۆلىمى چوڭ، جەمئىيەت تۆھپىسى كۆپ، تەتقىق قىلىپ ئېچىش ئىقتىدارى كۈچلۈك، بىرلەشمە يېزا ئىگىلىكى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە.
شىنجاڭ باغۋەنچىلىك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي كەييۇەن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىركىتىمىز جەنۇبىي شىنجاڭدىكى نامرات رايونلارنىڭ كەسىپ ئارقىلىق نامراتلارنى يۆلەش ھەرىكىتىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئاتلىنىپ، ھەر يىلى كىرىمنىڭ %3.5ىنى باغۋەنچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاپ ئىشلەش تېخنىكىسى تەتقىقاتى ۋە ئۈسكۈنىلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قۇرۇتۇش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى كىرگۈزۈش مەبلىغى قىلىپ، چىلان، ياڭاق، قۇرۇق ئۈزۈم قاتارلىق شىنجاڭنىڭ خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشنىڭ ئۆلچەملەشكەن ئىشلەپچىقىرىش تەرتىپى بەرپا قىلدى.
شىنجاڭ لىخۇا(گۇرۇھى) پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە شىركەتنىڭ 1 مىليون 80 مىڭ مو يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىق بازىسى، 69 پاختا زاۋۇتى، 92 ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى بار، پىششىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتى پۈتۈن شىنجاڭغا تارقالغان، بۇ يىل شىركەت كارخانىلارنى قېلىپلاشتۇرۇش، ئىشلەپچىقىرىشنى كۆلەملەشتۈرۈش بويىچە، مەھسۇلاتنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت تەرەققىيات تەپەككۇرى بىلەن شىنجاڭنىڭ پاختىچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشىدۇ.
2019-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كۆلەملەشكەن يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىسى 1000دىن ئېشىپ، 125 مىڭدىن ئارتۇق دېھقاننى ئۆز جايىدا، يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى.