تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچى شەھىرى 56 مىڭ ئورۇننىڭ 3 مىليارد 660 مىليون يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتتى، كەچۈرۈم قىلدى

   ئانار بۇلۇت/ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى(مۇخبىر ما بېي): «پارچە سېتىش كارخانىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئەڭ چوڭ تەننەرخ ئادەم كۈچى تەننەرخى، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى بىزگە 1 مىليون 100 مىڭ يۈەن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىپ، كارخانىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى» دېدى شىنجاڭ ئەيجيا تاللا بازىرى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى.

   يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەزگىلىدە، ئۈرۈمچى شەھىرى كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئارقا-ئارقىدىن ئوتتۇرىغا قويۇپ، يۇقۇمنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى تۈرلۈك كارخانىلارغا بولغان تەسىرىنى ھەقىقىي ئازايتتى. 8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 56 مىڭ كارخانىنىڭ 3 مىليارد 660 مىليون يۈەن يۈكىنى يېنىكلەتتى.

   9-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش ۋە ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىش سىياسىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرگەن. ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى سۇغۇرتىغا قاتناشقان بارلىق ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ئاساسىي كۈتۈنۈش، ئىشتا يارىلىنىش، ئىشسىزلىقتىن ئىبارەت ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتىغا قاتناشقان ئورۇنلار تاپشۇرىدىغان ھەقنىڭ بىر قىسمىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن داۋاملىق بەھرىمەن بولىدىكەن، بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن.

   8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، 56 مىڭ ئورۇن ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇپ، جەمئىي سومما 3 مىليارد 660 مىليون يۈەنگە يەتكەن. بۇنىڭ ئىچىدە كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىغا 3 مىليارد 420 مىليون يۈەن، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسىغا 130 مىليون يۈەن، ئىش ئۈستىدە يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا 120 مىليون يۈەن ئاجرىتىلغان.

   كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتىدە ئېغىر قىيىنچىلىق كۆرۈلگەن كارخانىلارنىڭ ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىنى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشى بۇ يىل 12-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئۇزارتىلدى، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش مەزگىلىدىكى كېچىكتۈرگەنلىك پۇلى كەچۈرۈم قىلىندى. كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىش مۇددىتىنى ئۇزارتىش سىياسىتى يولغا قويۇلۇشتىن بۇرۇن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا ھەققى ئېلىنغان قۇرۇلۇش تۈرلىرىدىكى پەرقلىق سومما قايتۇرۇلدى.

   8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 700دىن ئارتۇق ئورۇن ئۈچ تۈرلۈك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا ھەققىدىن جەمئىي 59 مىليون يۈەننى كېچىكتۈرۈپ تاپشۇردى، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشقان 8800 ئادەم كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇشتىن بەھرىمەن بولدى.

   بۇنىڭدىن باشقا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارماقلىرىمۇ شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان كارخانىلارغا ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى تارقىتىپ بەردى. خادىم قىسقارتمىغان ياكى ئاز قىسقارتقان ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا قارىتا، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش ئۆلچىمى كارخانا ۋە ئۇنىڭ ئىشچى-خىزمەتچىلىرى ئالدىنقى يىلى تاپشۇرغان ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى %50تىن %100كە ئۆستۈرۈلدى، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش بويىچە قايتۇرۇش سىياسىتى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

   8-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 40 مىڭدىن ئارتۇق كارخانا 340 مىليون يۈەن ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش تولۇقلىمىسىدىن بەھرىمەن بولۇپ، 770 مىڭدىن ئارتۇق ئىشچى-خىزمەتچى نەپكە ئېرىشتى؛ جەمئىي 15 مىڭ 408 ئىشسىز كىشىگە 102 مىليون 85 مىڭ يۈەن ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى پۇلى، 1872 ئىشسىز كىشىگە 6 مىليون 347 مىڭ يۈەن ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى تارقىتىلدى.

   شىنجاڭ جۇڭخې پاي چەكلىك شىركىتى ئادەم كۈچى بايلىقى بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نيۇ جىڭجىڭ مۇنداق دېدى: «ھۆكۈمەت بىزنى ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتى بىلەن تەمىنلىدى، شىركەت جايلاردا تۇرۇپ قالغان ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاشىنى تارقىتىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن 1 مىليون 156 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلدى ھەم ھېساباتقا كىرگۈزدى، بۇنىڭ بىلەن شىركەتنىڭ تەننەرخ بېسىمى يېنىكلىدى».

   ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى باسقۇچتا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا تارماقلىرى سۇغۇرتا ھەققىنى كەچۈرۈم قىلىش، كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇش، قايتۇرۇش خىزمىتىنى داۋاملىق چىڭ تۇتۇپ، ئىشسىزلىق ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقۇمنىڭ كارخانىلارنىڭ ئىش ئورنى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەتكە بولغان تەسىرىنى ھەقىقىي يېنىكلىتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئىمىنجان داۋۇت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى