9-ئاينىڭ 7-كۈنى، مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا، توپ باشلاش ماشىنا ئادىمى تاماشىبىن بىلەن «مۇسابىقىلەشمەكتە».
شىنخۇا تورى خەۋىرى: 2020-يىلىق جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى 9-ئاينىڭ 4-كۈنىدىن 9-كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. مۇلازىمەت-سودا يەرمەنكىسى ئۇنىۋېرسال كۆرگەزمە رايونىدا، «پاڭ بوتې» ئىسىملىك بىر ماشىنا ئادەم تاماشىبىنلارنىڭ نەزەرىنى جەلپ قىلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ماشىنا ئادەم توپنى ئاپتوماتىك باشلىيالىغاندىن سىرت يەنە ئابۇنىچىلارنىڭ قىزىقىشى بويىچە توپنىڭ سۈرئىتى، بۇلۇڭى، ئېگىزلىكى، چۈشۈش رايونى قاتارلىقلارنى تەڭشىيەلەيدىكەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى پەن سىۋېي فوتوسى