تىيانشان تورى خەۋىرى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ ئەڭ يېڭى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى، 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت نۆلدىن 24كىچە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى(شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) دوكلات قىلغان يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى دەپ ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، يېڭىدىن كۆپەيگەن كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى نۆل.
9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24كىچە، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا ھازىر بار بولغان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى نۆل، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچى نۆل.
7-ئاينىڭ 15-كۈنى سائەت نۆلدىن 9-ئاينىڭ 8-كۈنى سائەت 24كىچە، ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققان ئېنىق دىياگنوز قويۇلغان ئاغرىق مىسالى جەمئىي 826، كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلاردىن تېببىي كۆزىتىش بىكار قىلىنغانلار 238.