«مەن بۇ يىل 50 مو يەرگە قىيام قىلىدىغان شوخلا تېرىدىم، باش باھاردا شىنجاڭ يەنياڭتيەن شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدىم، ھەر كىلوگىرامى 0.38 يۈەن، يىغىۋالغاندا، شىركەت خىزمەتچىلىرى ئېتىزلىققا كېلىپ بىزنىڭ شوخلا يىغىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ.» دېدى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شى 103-تۇەن 13-ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى ۋېي شۇيىڭ خۇشال ھالدا.
شوخلىلارنىڭ ئارقا-ئارقىدىن پىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ تۇەن دائىملاشقان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇش بىلەن بىللە، شوخلىنى يىغىش، توشۇش، سېتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى تۇتتى، پۈتۈن تۇەندىكى 336 ئائىلىلىك ئىشچى-خىزمەتچى 20 مىڭ مودىن ئارتۇق قىيام شوخلىسى تېرىدى، ھەممىسى شىنجاڭ يەنياڭتيەن شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى، شىنجاڭ جۇڭجى شوخلا مەھسۇلاتلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قاتارلىقلار بىلەن سېتىۋېلىش توختامى ئىمزالىدى.
«مەن تېرىغان شوخلىلارنىڭ ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 11 توننىغا يەتتى، بۇيۇملاشقان تەننەرخنى چىقىرىۋەتكەندە 80 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىمدا مەسىلە يوق.» ۋېي شۇيىڭ مۇنداق دېدى: «يىغىۋالىدىغان چاغدا، تۇەندىكىلەر بىزگە يىغىش ئاپتوموبىلى، توشۇش ئاپتوموبىلى ماسلاشتۇرۇپ بەردى، كۈچمۇ تېجىلىپ قالدى، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنىڭ بۇنداق ياخشى ئىكەنلىكىنى ئويلاپمۇ باقماپتۇق» دېدى.
ئىگىلىنىشىچە، ھازىرغا قەدەر، بۇ تۇەن تېرىغان 20 مىڭ مودىن ئارتۇق قىيام شوخلىسىدىن 15 مىڭ مودىن ئارتۇق ھوسۇل ئېلىنغان بولۇپ، ئوتتۇرىچە مو بېشى مەھسۇلاتى 8.5 توننىغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، كېيىنكى قەدەمدە، بۇ تۇەن داۋاملىق «شىركەت + دېھقان ئائىلىسى + تۆۋەن باھاغا كاپالەتلىك قىلىش» تەرەققىيات ئەندىزىسى ئارقىلىق، زاكازلىق يېزا ئىگىلىكىنى زورايتىپ، پۈتۈن تۇەندىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كىرىمىنى مۇقىم ئۆستۈرىدىكەن.
بىڭتۇەن ئۆگىنىش سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى