تىيانشان تورى   ›   تۇرمۇش   ›   يېزا ئىگىلىكى

گۇاڭدۇڭ جياڭمېندىكى دېڭىز شالى ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى

دېھقانلار ئورۇپ بولۇنغاندىن كېيىنكى شاللىقتا ماڭماقتا (9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

  شىنخۇا تورى خەۋىرى: يېقىندا، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جياڭمېن شەھىرى خەييەن بازىرىدىكى دېڭىز شالى ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 2019-يىلى، گۇاڭدۇڭ دېڭىز-ئوكيان داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى چېن رىشېڭ ئۆمەك باشلاپ خەييەن بازىرى نەنفېڭ كەنتىدە دېڭىز شالىنى سىناق قىلىپ تېرىغان، تەتقىقات ئۆمىكى قىسمەن تەجرىبە ئېتىزلىرىدا بېلىق بىلەن راكنى بىللە بېقىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى ئۆستۈرۈش بىلەن بىللە، تۇپراقنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى ئاشۇرغان.

دېھقانلار كومبايىندىكى شال دېنىنى ئاپتوموبىلغا قاچىلىماقتا (9-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان).

سۇ قۇشلىرى دېڭىز شالى ئېتىزىدا بېلىق بىلەن راك يېمەكتە (9-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا تارتىلغان).

خەييەن بازىرى دېڭىز شالى تېرىلغۇ بازىسىدا ھوسۇل ئېلىنغان شال دېنى (9-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

كومبايىنلار دېڭىز شالى ئېتىزىدا ماڭماقتا (9-ئاينىڭ 7-كۈنى سۈرەتكە تارتىلغان). 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى تيەن جيەنچۈەن فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تىيانشان تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • شىنجاڭ خوتەن: قۇم دېڭىزى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىش، قۇملۇقتىكى ئۇزۇن سەپەر
  • خوشۇت ناھىيەسى: قىزىل لازا ئېلىپ كەلگەن قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن ياخشى كۈن
  • ئىشىكى ئالدىدىلا ئىشقا ئورۇنلىشىش ئالدىراشلىقى