تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

شىنجاڭ باي ناھىيەسى: تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە يوشۇرۇنغان سوغان كەنتى

  سوغان كەنتى شىنجاڭ ئاقسۇ ۋىلايىتى باي ناھىيەسى تېرەك بازىرىدىكى بىر گۈزەل كەنت. تىيانشاننىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولغاچقا، بۇ يەرنىڭ مۇھىتى گۈزەل، مەنزىرىسى كىشىنى جەلپ قىلىدۇ.

سوغان كەنتىنىڭ تۆت ئەتراپىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، ئون نەچچە كىلومېتىرغا سوزۇلغان بوستانلىقتا سۇلار شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرىدۇ، ھاۋاسىمۇ ئىنتايىن ساپ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، باي ناھىيەسى دېھقان، چارۋىچىلارنىڭ ئەمىن ئۆي قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، سوغان كەنتىدىكى ئامما ئازادە، يورۇق ئەمىن ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى. ھەممە ئۆينىڭ ئالدى-كەينىگە كۆكتات، گۈل-گىياھ تېرىلدى، ھويلىلار پاكىز، رەتلىك بولۇپ يېزا-كەنت تېخىمۇ گۈزەللىشىپ كەتتى.

كەنتتە كۈن نۇرىنى توسۇپ دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇرىدىغان چىغىر يول بار بولۇپ، تىنچ ھەم راھەت.

ئىس-تۈتەك بىلەن گۇگۇم نۇرى بىر-بىرىگە ئارىلىشىپ، خۇددى تاغ جىلغىسىغا نىپىز بىر قەۋەت تور ئارتىپ قويغاندەك كۆرۈنەتتى.

تاغ جىلغىسىدىكى قىيا كۈلرەڭ، سېرىق، ئاچ قىزىل قاتارلىق ھەر خىل رەڭلەردە نامايان بولۇپ، كەچكى شەپەق نۇرىدا تېخىمۇ گەۋدىلەندى.

تاغلار بىلەن ئورالغان يېزا-قىشلاقلاردا سەيلە قىلغاندا، يېزا-قىشلاقلارنىڭ خۇش ھىدى دىماغقا ئۇرۇلۇپ تۇرىدۇ.

قوي، كالىلار سەلكىن شامالدا بەخىرامان ئوتلىماقتا. گاھىدا، قۇشلارنىڭ سايرىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.

تاغ، كونا ئۆيلەر، زىرائەتلەر، قوزىلار بۇ يەردە ئۆزگىچە مەنزىرە ھاسىل قىلدى.

تاغ جىلغىلىرى ئارىسىدىكى ئالاھىدە كىلىمات سەۋەبلىك بۇ يەردە يامغۇر كۆپ ياغىدۇ، پۈتۈن تاغ جىلغىلىرى يېشىلىققا پۈركەنگەن بولۇپ، تەبىئىي چارۋىچىلىق مەيدانى ھېسابلىنىدۇ.

(ئاپتورنىڭ ئىدارىسى: ئاقسۇ ۋىلايەتلىك فوتوگرافلار جەمئىيىتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى