تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلققە زىچ تايىنىپ ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتايلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنى ئايرىۋېتىشكە، قارشىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى سەپەرۋەر قىلىش، خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتكۈل مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىدىغان تارىخ ئېقىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنى چوڭقۇر شەرھلىدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئارىسىدىن كەلگەن، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتقان، ئەسلىي مەقسىتى ۋە بۇرچى جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئېرىشتۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنى گۈللەندۈرۈش، تۈپ مەقسىتى جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مۇستەھكەم تۈۋرۈكلۈك رولىنى جارى قىلدۇرغان ئۇلۇغ غەلىبە، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ئىرادىدىن سېپىل ھاسىل قىلىپ، جاسارەت بىلەن ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلغانلىقىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىنى توغرا كۆرسىتىپ بېرىپ، پۈتكۈل مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى قىلىدىغان تارىخ ئېقىنىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، پۈتكۈل مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئارمىيە بىلەن خەلقنىڭ غەلىبە قىلىشنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۇزاققا سوزۇلىدىغان ئۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك باش فاڭجېنى ۋە بىريۈرۈش خەلق ئۇرۇشىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ۋە يولغا قويۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىنى خەلق ئۇرۇشىنىڭ بىپايان دېڭىزىغا غەرق قىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان دۈشمەن ئارقا سېپىدىكى جەڭ مەيدانلىرى ۋە گومىنداڭ قوماندانلىق قىلغان يۈزمۇيۈز جەڭ مەيدانلىرى ماسلىشىپ ھەمكارلىشىپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا بىرلىكتە زەربە بېرىش ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈردى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسى بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بىر نىيەتكە كېلىپ، ئاجىزلار كۈچلۈكلەرنى يەڭگەنلىكىدەك ھەيۋەتلىك تارىخىي داستان بولۇپ، جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ يىمىرىلمەس قۇدرەتلىك كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىپ بەردى، خەلقنىڭ تارىخنىڭ ياراتقۇچىسى ئىكەنلىكىنى، ھەقىقىي قەھرىمان ئىكەنلىكىنى، ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭ مۇستەھكەم ئۇلۇغ كۈچ ئىكەنلىكىنى، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان تۈپ كۈچ ئىكەنلىكىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى.

«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، جان تومۇرى خەلقتە.» خەلق ئۈچۈن دۇنياغا كەلگەن، خەلق ئۈچۈن گۈللەنگەن. خەلقنىڭ مەيدانى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۈپ سىياسىي مەيدانى. يېقىنقى 100 يىللىق قاينام - تاشقىنلىق مۇساپىنى ئەسلىگىنىمىزدە، پارتىيەمىزنىڭ ئوڭۇشسىزلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، توختىماي كۈرەش قىلغانلىقى، چەكسىز ئازاب - ئوقۇبەت چەككەن بولسىمۇ، پولاتتەك تاۋلانغانلىقىنىڭ سەۋەبى دەل باشتىن - ئاخىر خەلقنى «مەنبە» ۋە «ئاساس» قىلىپ، خەلق ئارىسىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتقانلىقىدىندۇر. پارتىيەنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر، مەيلى قانچىلىك زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك زور قۇربان بەرسۇن ۋە بەدەل تۆلىسۇن، بۇ نۇقتىدا باشتىن - ئاخىر ئېغىشمىدى، قىلچە تەۋرەنمىدى. خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇش پارتىيەنىڭ غايە - ئېتىقادى، خاراكتېرى - مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى - بۇرچىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بەردى، شۇنداقلا بۇ، پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى. جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز خەلققە بەخت يارىتىپ، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىپ، خەلققە زىچ تايىنىپ ئىشلاردا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

پارتىيەنىڭ خەلق بىلەن جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، ھايات - ماماتتا بىللە بولۇپ، باشتىن - ئاخىر قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى ساقلىشى پارتىيەنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ - خەتەر ئۈستىدىن غالىب كېلىشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. يېقىنقى 100 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قارىماققا يەڭگىلى بولمايدىغاندەك كۆرۈنىدىغان نۇرغۇن قىيىن ئۆتكەلنى يېڭىپ، تارىخ سەھىپىسىدە نۇر چاچىدىغان نۇرغۇن ئىنسانىيەت مۆجىزىسىنى يارىتالىدى؟ يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقى نېمە ئۈچۈن مۇمكىنسىزلىكنى مۇمكىنچىلىككە ئايلاندۇرۇپ، ۋەتىنىمىزنىڭ «تارىخىي داستاندەك ئىلگىرىلىشى»نى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشىنى كۈتۈۋالالىدى؟ بۇنىڭدىكى تۈپ سەۋەب شۇ يەردىكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى باشتىن - ئاخىر ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچىنى ئەستە چىڭ ساقلىدى، باشتىن - ئاخىر خەلق بىلەن قەلبداش بولدى، خەلق بىلەن جاپادىمۇ، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولدى، خەلق بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلدى. 2020 - يىلى، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىنىڭ كەسكىن خىرىسى ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ: «خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىپ، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتمايمىز»، دەپ تەكىتلەپ، «بۇ قېتىمقى يۇقۇم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشتا، بىزگە كۈچ ۋە ئىشەنچ ئاتا قىلغىنى جۇڭگو خەلقى»، دەپ كۆرسەتتى. يېقىندا، ئامېرىكىدىكى بىر داڭلىق ئاممىۋى مۇناسىۋەت شىركىتى ئېلان قىلغان ئىشەنچ دەرىجىسىنى تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگو خەلقىنىڭ ئۆز دۆلىتى ھۆكۈمىتىگە ئىشىنىش دەرىجىسى %95كە يېتىپ، زىيارەت قىلىنغان دۆلەتلەر ئىچىدە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. ھازىر، ھەرقانداق كىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ھىمايىسىگە ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىدەك رېئاللىقنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالماسلىقى كېرەك، ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى بىلەن جۇڭگو خەلقىنى ئايرىۋېتىشكە، قارشىلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇشى مۇقەررەر بىھۇدە ئاۋارىچىلىك!

كىشىلەر خەۋپ - خەتەر ئېڭىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئەقلىي تەپەككۇر قىلغاندا، مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دۆلەت قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا، ئىرادىسى كۈچىيىپ، دۆلەتنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى شۇنى ئىسپاتلىدىكى، جۇڭخۇا مىللىتى قەيسەر ھاياتىي كۈچكە ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئىجادچانلىققا ئىگە مىللەت، پەقەت بىز زىچ ئىتتىپاقلاشساقلا، يەڭگىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىق يوق. يېڭى دەۋر ئۇزۇن سەپىرى يولىدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە، باشتىن - ئاخىر ھەممىدە خەلقنى كۆزلەش، ھەممىدە خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، 1 مىليارد 400 مىليون خەلق بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ياقىدىن باش چىقارسىلا، بىز چوقۇم تۈرلۈك جاپا - مۇشەققەت، خەۋپ - خەتەر، توسالغۇلارنى يېڭىپ، ئۈزلۈكسىز غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 7 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى