تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئۈرۈمچى

ئۈرۈمچىنىڭ «دۈشەنبىلىك ئەندىزىسى» قايتا قوزغىتىلدى

  تىيانشان تورى خەۋىرى (مۇخبىرلىرىمىز جاڭ ۋەندې، ۋاڭ چىمىڭ خەۋىرى، فوتوسى): 9-ئاينىڭ 7-كۈنى دۈشەنبە، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش تەرتىپىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئەسلىگە كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى شەھەر رايونىدا «دۈشەنبە كۈنى ئەندىزىسى» قايتا قوزغىتىلدى. ئالدىراش خىزمەتچىلەر، بالدۇر سەپەرگە چىققان شەھەر ئاھالىلىرى، ئالدى تەرىپى ئۆچرەتتە تۇرغانلار بىلەن تولغان ناشتىلىق دۇكىنى، ئالدىراش كېتىۋاتقان ئاممىۋى ئاپتوبۇس، كېلىپ-كېتىۋاتقان ئاپتوموبىللار ... شۇ كۈنى سەھەردە، مۇخبىر ئۈرۈمچىدىكى نۇرغۇن يول بۆلەكلىرىدە، كوچىلاردا ئادەم ۋە ئاپتوموبىللارنىڭ كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەنلىكىنى، شۇنىڭدەك ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدىكى بىر قاتار ئالدىراش مەنزىرىنى كۆردى. سۈرەتتە: شۇ كۈنى سائەت 10:00لاردا، شىداچياۋ ۋە گۇاڭمىڭ يولى بۆلىكىدە، ئاپتوموبىللار تەرتىپ بىلەن قاتنىماقتا. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت 08:40دا، يامغۇردىكى ئۈرۈمچى شەرقىي تاشقى ئايلانما يولى بۆلىكى، غەربىي ئارقا كوچىسى كۆۋرۈكتىن چۈشۈش باغلىما يولىدا ئاپتوموبىللار ئۆچرەتتە تۇرۇپ ئاستا سۈرئەت بىلەن كۆۋرۈكتىن چۈشىدىغان «دۈشەنبە كۈنى ئەندىزىسى» قايتا كۆرۈلدى. مۇخبىر ۋاڭ چىمىڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 09:00لاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن يولى نەنلياڭپو يول بۆلىكى، دەل ئەتىگەنلىك قاتناشنىڭ بېسىق مەزگىلىدە، شەھەر ئاھالىلىرى يول بويىدا تاكسى ساقلىماقتا. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 09:00لاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىسەن يولى مۇھىت ئاسراش باشقارمىسى بېكىتىدە، شەھەر ئاھالىلىرى ئاممىۋى ئاپتوبۇسقا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقماقتا. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 09:30لاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى شىخۇڭ يولى ئېغىزىدا، شەھەر ئاھالىلىرى تەرتىپ بىلەن يولدىن ئۆتمەكتە. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 09:45دە، ئۈرۈمچى شەھىرى دوستلۇق يولىدا، ئاپتوموبىللار ئېقىمى بىر قەدەر كۆپ بولدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:00لاردا، ئۈرۈمچى شەھىرى ساي يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى شىداچياۋ يولى بۆلىكىدە، ئاپتوموبىل ئېقىمى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا خېلى كۆپىيىپ، ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

9-ئاينىڭ 7-كۈنى سائەت 10:30دا، ئۈرۈمچى شەھىرى ياشلار يولىدىكى بىر ئائىلىلىكلەر قورۇسىدا، مۈلۈك باشقۇرۇش خىزمەتچىسى چىم قىرقىماقتا. مۇخبىر جاڭ ۋەندې فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى