تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

شىنجاڭ چىڭگىل: كىچىككىنە ئالتۇن جىغان سەيۋەيدىكى «بېيىش مېۋىسى»

شىنخۇا تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر گاۋ يى، يۈەن يى خەۋىرى): «مەن بىر كۈندە 70 كىلوگىرام ئەتراپىدا جىغان كېسىمەن، ھەر كىلوگىرامىنىڭ ئۈزۈش ھەققىنى 1.5 يۈەن بويىچە ھېساپلىغاندا، بىر كۈنلۈك كىرىمىم ئەڭ ئاز بولغاندا 100 نەچچە يۈەنگە يېتىدۇ.» شىنجاڭ چىڭگىل ناھىيەسى ئاقدالا بازىرى چۇاڭيې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى قۇۋانگۈل جاخپار جىغان ئارىسىدا بېرىپ-كېلىپ، قايچىنى ئوينىتىپ ئالدىراش ئىشلەۋاتاتتى.

جىغان ئۇزۈۋاتقان نەق مەيدان.

9-ئايدا، چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ ئاقدالا بازىرىدىكى 800 مو جىغان راسا مېۋىلەش مەزگىلىگە كىردى، بۇ دەل جىغان ئۈزۈشنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى بولۇپ، ئالتاي ۋىلايەتلىك جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەھەللىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى 30 ئاھالىنى مېۋە ئۈزگۈچى بولۇشقا پائال تەشكىللەپ، بۇ مەھەللىنىڭ جىغان بازىسىغا بېرىپ جىددىي يىغىشنى قانات يايدۇردى.

خىزمەت ئەترىتى مېۋە ئۈزۈشكە ياردەم بەرمەكتە.

چىڭگىل ناھىيەسىنىڭ جىغان كۆلىمى چوڭ، جىغان مېۋىسى يوغان، ساپىقى ئۇزۇن، تىكىنى ئاز، ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇپ، ھەر خىل جىغان ئىچىملىكى ۋە يۈرۈشلۈك ئوزۇقلۇق بۇيۇملىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە ماس كېلىدۇ، ساقلىقنى ساقلاش، كۈتۈنۈش، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە سوۋغا قىلىشتىكى ئەڭ ياخشى سوۋغات ھېسابلىنىدۇ. ئاقدالا بازىرى ئۆزگىچە تۇپراق قۇرۇلمىسى ۋە كىلىمات شارائىتىغا تايىنىپ، جىغان ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «شىركەت + ھەمكارلىق كوپىراتىپى + بازا + دېھقان ئائىلىسى» تۈجۈپىلەپ باشقۇرۇش تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يولغا قويۇپ، جىغان بازىسى بەرپا قىلىپ، جىغان ئۆستۈرۈش، يىغىش، ئورمان باقمىچىلىقىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دېھقانلار بىلەن مەنپەئەت ھەمتۈرتكە مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەسىر كۆرسىتىش ئىقتىدارى ۋە تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتتى.

جىغان مېۋىسى پىشىش مەزگىلىگە كىردى.

بازا، دېھقانلار بىلەن كارخانىلار ئوتتۇرىسىدا مۇقىم سېتىۋېلىش ـ سېتىش مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرۈشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، ئاقدالا بازىرى، چىڭگىل ناھىيەسى خۇيخۇا جىغان بىيو پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئالدىن زاكالەت پۇلى بېرىش، كۆچەت بىلەن تەمىنلەش، تېخنىكا ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىش قاتارلىق يوللار ئارقىلىق، بازا ۋە دېھقانلارنىڭ جىغان تېرىقچىلىقىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا يار-يۆلەك بولدى، دېھقان - چارۋىچىلار جىغان ئۈزۈپ كىرىمىنى ئاشۇردى. ئۈزۈش مەزگىلىدە، خىزمەت ئەترىتى جىغان سېتىۋېلىش كارخانىلىرى بىلەن ئالدىن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئۈزۈپ بولغان جىغان مېۋىسىنى نەق مەيداندا توڭلىتىش ئىسكىلاتىغا كىرگۈزۈپ، ئېھتىياجلىق جايغا توشۇپ، كۆپ قېتىم توشۇپ مېۋىنىڭ زىيانغا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

خىزمەت ئەترىتىدىكىلەر بىلەن شىركەت خادىملىرى جىغاننىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرمەكتە.

«جىغان بازىسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى پۇقرالارنى خاتىرجەم قىلدى، ئەسلىدىكى تارقاق ئائىلىلەر تېرىقچىلىقى كۆلەملەشتۈرۈش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، بازارلاشتۇرۇپ باشقۇرۇشقا ئۆزگەرتىلدى. كېيىنكى مەزگىلدە، خىزمەت ئەترىتى ۋە مەھەللە پارتىيە كومىتېتى كەنت ئاھالىلىرىنى ئىز قوغلاپ تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، جىغاندىن مول ھوسۇل ئېلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، پۇقرالارغا ئىقتىسادىي ئۈنۈم ئېلىپ كېلىدۇ» دېدى چۇاڭيې مەھەللىسى خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1-شۇجى ۋاڭ بىن.

جىغان ئۈزۈش نەق مەيدانى.

نەق مەيداندا جىغاننى قاچىلاپ توشۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى