تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

بوشلۇقتىن تارتىلغان تارىم دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى توغراقلىقنىڭ يېشىللىققا پۈركەنگەن مەنزىرىسى

9-ئاينىڭ 5-كۈنى، چاقىلىق ناھىيەسى تەۋەلىكىدىكى تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىدا، دەريانى بويلاپ ئۆسكەن توغراقلىق يېشىللىققا پۈركەنگەن بولۇپ، ئىنتايىن ھەيۋەتلىك كۆرۈنەتتى.

  تىيانشان تورى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ كۈن خەۋىرى، فوتوسى) 2020-يىلى 9-ئاينىڭ 5-كۈنى، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شىنجاڭ تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش باشلاندى، بۇ قېتىمقى سۇ يەتكۈزۈش ئومۇمىي مىقدارى 350 مىليون كۇب مېتىرغا يېتىشى مۆلچەرلەندى، بۇ 2000-يىلىدىن بۇيان تارىم دەرياسىنىڭ تۆۋەن ئېقىنىغا 21-قېتىم ئېكولوگىيەلىك سۇ يەتكۈزۈش ھېسابلىنىدۇ. شۇ كۈنى، تارىم دەرياسى غول ئېقىنىدىكى سۇ تۆۋەن ئېقىندىكى داشىخەيزى سۇ ئامبىرىغا يېتىپ باردى، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىنىڭ كەلكۈن چۈشۈرگۈسى ۋە يېڭى سۇ قويۇپ بېرىش چۈشۈرگۈسىنىڭ ئىلگىرى-كېيىن ئېچىلىشىغا ئەگىشىپ، دەريا سۈيى ئۆركەشلەپ، ئەگرى-بۈگرى دەريا قېنىنى بويلاپ، تۆۋەن ئېقىندىكى يېشىل كارىدورغا قاراپ ئاقتى. ھازىرغا قەدەر، داشىخەيزى سۇ ئامبىرىدىن جەمئىي 8 مىليارد 160 مىليون كۇب مېتىر ئېكولوگىيەلىك سۇ تۆۋەنگە قويۇپ بېرىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : گۈلبوستان غۇلام

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى