كۆكدالا خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر ياڭ جۈنچىن): 8-ئاينىڭ 31-كۈنى، 4-شى كۆكدالا شەھىرى «بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش، بۇلۇت سۆھبىتى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، بۇلۇت تېرمىنالى ئارقىلىق يەتتە تۈر ئىمزالىدى، بۇنىڭغا جەمئىي 10 مىليارد 250 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
كېلىشىم ئىمزالانغان يەتتە تۈر دۇڭئېن مەدەنىيەت-مائارىپ كەسپى مەھەللە تۈرى، داۋالاش كەسىپلەر رايونى تۈرى، كەسىپ سېلىنمىسى خۇسۇسىي پاي ھوقۇقى فوندى تۈرى، بىيو ئېنېرگىيە ئېتانول تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نەق مەيداندا جەمئىي يەتتە «بۇلۇت سۆھبىتى» تۈرى توردا كېڭىشىلدى، شاڭخەي تەيشېڭ شامال ئېنېرگىيەسى جابدۇقلىرىنى ياساش تۈرى، دىڭچېن زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى بازىسى تۈرى، كۆپ مىقدارلىق گۇرۇھ ساغلاملىق كۈتۈنۈش ساياھەت مەركىزى تۈرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، پىلاندىكى ئومۇمىي مەبلەغ 7 مىليارد 780 مىليون يۈەن. ئىككى تەرەپ تور ئارقىلىق چوڭقۇر مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىپ، تۈرگە مەبلەغ سېلىش كۆلىمى، مەھسۇلات، مەبلەغ سېلىش پىلانى، مەبلەغ سېلىنغان جاينىڭ سىياسەت شارائىتى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.
4-شى كۆكدالا شەھىرى يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى پائال يېڭىپ، بۇلۇت تونۇشتۇرۇش، بۇلۇت ئۈستىدە كېڭىشىش، بۇلۇت كېلىشىمى ئىمزالاش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، توردا سودىگەر چاقىرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، بىر قەدەر ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىرغىچە، بۇ شى، شەھەرنىڭ 1 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ جەلپ قىلىش تۈرى بەشكە يېتىپ، تۈرگە 13 مىليارد 850 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىندى.
بىڭتۇەن گېزىتىدىن تەرجىمە قىلىندى