تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈمىمىزنى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدۈرەيلى

− باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا

خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

«ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە، جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇش ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە ئۇرۇنىدىكەن، جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا ھەرگىز قوشۇلمايدۇ!» يېقىندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 75 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنىڭ پارتىيە ۋە خەلق مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، كۈرمىڭ جاپا - مۇشەققەت ۋە خەۋپ - خەتەرلەرنى يېڭىپ قولغا كەلتۈرگەن قىممەتلىك نەتىجە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر كۆرسىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 1840 - يىلىدىن بۇيانقى ھاقارەتكە ئۇچراش تارىخىنى ئەسلىگىنىمىزدە، بۇنىڭ تۈپ سەۋەبىنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، خەلقنى بېيىتىدىغان تەرەققىيات يولىنى تاپالمىغانلىقتا ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ يېقىنقى زاماندىن بۇيان چوڭقۇر، ئېغىر كىرىزىسكە پېتىپ قېلىشتىن ئۇلۇغ گۈللىنىشكە قاراپ يۈرۈش قىلىشتىكى تارىخىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ، قەدىمىي جۇڭگودىن ئىبارەت سۇمۇرغنىڭ ئوتتا تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىش تارىخ يېڭى مۇساپىسىنى ئاچتى. 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگودا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەش، جاپا - مۇشەققەتكە چىداپ ئىگىلىك تىكلەشكە ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان تەرەققىيات مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاچتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋرگە كىردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى پارلاق ئىستىقبالنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق بىلدۈردىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى 1840 - يىلىدىن بۇيان، بولۇپمۇ جياۋۇ ئۇرۇشىدىن بۇيان، جۇڭگو خەلقىنىڭ ۋەتەننى قۇتقۇزۇشتىكى باشقا يوللارنى سىناپ بېقىشتا پۈتۈنلەي ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن چىقارغان تارىخىي تاللىشى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە خەلقى مىڭبىر جاپا - مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ، غايەت زور بەدەل تۆلەپ قولغا كەلتۈرگەن تۈپ مۇۋەپپەقىيەت. تارىخ بىزگە شۇنى ئۇقتۇردىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى، مىللەتنىڭ تەقدىرى، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىگە مۇناسىۋەتلىك؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئاچقان جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى توغرا يول، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇشىمىز، مەڭگۈ تەۋرەنمەسلىكىمىز كېرەك.

يۆنىلىش ئىستىقبالنى بەلگىلەيدۇ، يول تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ. تەقدىرىمىزنى ئۆز قولىمىزدا تۇتۇپ تۇرۇشىمىز ئۈچۈن، بىزدە ئىرادىدىن قايتمايدىغان، يولنى ئۆزگەرتمەيدىغان قەتئىيلىك بولۇشى كېرەك. لۇشۈن ئەپەندى مۇنداق دېگەن: «يول دېگەن نېمە؟ يول ئەزەلدىن يول يوق جايلاردا مېڭىشتىن شەكىللەنگەن، تىكەن - چاتقاللىق جايلارنى ئېچىشتىن شەكىللەنگەن.» ئىسلاھات ئېلىپ بېرىلغان، ئىشىك ئېچىۋېتىلگەن 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىزنىڭ بارلىق نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ باش تېمىسى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش بولدى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ياخشى ياكى ياخشى ئەمەسلىكىگە باھا بېرىشتە ئىدېئولوگىيەدىكى بىر تەرەپلىمە قاراشتا جاھىللىق بىلەن چىڭ تۇرىدىغان قىسمەن كىشىلەرنىڭ سۇبيېكتىپ پەرەز بىلەن چىقارغان ھۆكۈمىگە ئەمەس، بەلكى پاكىتقا قاراش، جۇڭگو خەلقىنىڭ ھۆكۈمىگە قاراش كېرەك. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق كۈرەش قىلىشى ئارقىلىق ئېچىلغان، جۇڭخۇا زېمىنىدا يىلتىز تارتقان بولۇپ، جۇڭگو خەلقىگە بەخت، خاتىرجەملىك ئېلىپ كېلىدىغان توغرا يول. زامانىمىزدىكى جۇڭگو چوڭ قەدەم تاشلاپ دەۋرگە يېتىشىۋالىدىغان دەۋر تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان داغدام يول، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مۇقەررەر يول، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشىنى يارىتىدىغان مۇقەررەر يول. كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ھەم بىزنىڭ جەزمەن ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىدىغان ئۇلۇغ ئىشىمىز، ھەم كەلگۈسىنى يارىتىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى. جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بۇرمىلاشقا ۋە ئۆزگەرتىشكە يول قويمايمىز، جۇڭگو خەلقىنىڭ سوتسىيالىزم قۇرۇشتىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئىنكار قىلىشقا ۋە خۇنۈكلەشتۈرۈشكە يول قويمايمىز!

«200 يىل ياشاشقا ئىشەنچىم تۇرسا يانا، 3000 چاقىرىم سۇ ئۈزۈش ھېچ گەپ ئەمەستۇر ماڭا.» بۈگۈنكى دۇنيادا قايسى سىياسىي پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنەلەيدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق. مەيلى قانداق بوران - چاپقۇنغا يولۇقۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ تۈپ مەسىلىدە ئىزچىللىقنى ساقلىشىمىز، ھەرگىز ھەر خىل شاۋقۇن - سۈرەن سەۋەبىدىن تۇتقان يولىمىزنى ئۆزگەرتمەسلىكىمىز كېرەك؛ مەيلى قانداق خىرىسقا دۇچ كېلىشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ھەمدە باشقا جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ قۇدرەتلىك، تېخىمۇ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە ھەقىقەت كۈچىنى تىرىشىپ نامايان قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك: «يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، بىزنىڭ يولىمىز مۇقەررەر ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، بىزنىڭ تۈزۈمىمىز مۇقەررەر بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ».

«تۈمەنلىگەن جاپا - مۇشەققەتتىمۇ يەنىلا قەيسەر تۇرۇپ، كۈرمىڭلىغان جاپا - مۇشەققەت، زەربىلەرگە ئەگمىدۇق باش، سوقسىمۇ بوران - چاپقۇن، ھېلىھەم تۇردۇق مانا ياپياش.» بىز 9 مىليون 600 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بىپايان زېمىندا تۇرۇۋاتىمىز، جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق ئۇزاق كۈرەش قىلىش داۋامىدا توپلىغان مەدەنىيەتتىن ئوزۇق ئېلىۋاتىمىز، 1 مىليارد 400 مىليون جۇڭگو خەلقى مۇجەسسەملىگەن قۇدرەتلىك كۈچكە ئىگە، بىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا مېڭىشتا چەكسىز كەڭ دەۋر سەھنىسىگە، مىسلىسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا، مىسلىسىز قۇدرەتلىك ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە. ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىدىن ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى قوبۇل قىلىپ، مەڭگۈ بوشاشمايدىغان روھىي ھالەت ۋە توختىماي ئىلگىرىلەيدىغان كۈرەش ھالىتىنى باشتىن - ئاخىر ساقلاپ، ئىرادىمىزدىن قايتماي جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىسەكلا، بىز چوقۇم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى )

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى