تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

غەربىي شىمالدىكى چېگرا شەھەر: سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ سۈرەتتەك گۈزەل مەنزىرىسى

  كۈز شامىلى ئاستا-ئاستا ئوت-چۆپلەرنى سارغايتتى. شىنجاڭ قابا ناھىيەسى ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىدا ئۇقارلار ئۇيان-بۇيان سەيلە قىلىپ، ياۋا ئۆردەكلەر كۆكتە لەرزان پەرۋاز قىلدى.

  مامۇقتەك ئاق بۇلۇتلار ئەركىن ئۈزگەن كۆك ئاسمانغا يۈز يېقىشقان كەڭ زېمىندا بارچە مەۋجۇدات شۇنداق ئەركىن، خۇددى گۈزەل ماي بوياق رەسىمدەك كارتىنىنى سۈرەتلەپ چىقتى.

  ئاقچى دۆلەت سۇلۇق يەر باغچىسىنىڭ كۆلىمى 1250 گېكتار، بۇنىڭ ئىچىدە سۇلۇق يەر كۆلىمى 1206.11 گېكتار بولۇپ، باغچا ئومۇمىي كۆلىمىنىڭ %96.49نى ئىگىلەيدۇ.

  باغچىدا جەمئىي 51 ئۆسۈملۈك ئائىلىسى بار، شۇنىڭدەك دۆلەتلىك 1-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن ئۇقار، ياۋا غاز، ئالا قۇيرۇق بۈركۈت، كىچىك دوغداق، چىپار دوغداق قاتارلىق ئالتە خىل ھايۋان بار.

  دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك قوغدىلىدىغان ھايۋانلاردىن سار، بۈركۈت، ئوتلاق بۈركۈتى، لاچىن، سېرىق تىرناقلىق لاچىن، قىزىل لاچىن، كۈل رەڭ بۆدۈنە، سۈلەيسۈن، بۇلغۇن قاتارلىق جەمئىي 15 خىلى بار.

  «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» قابا ناھىيەسى تاغ-دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوت-چۆپ سىستېمىسىنى تۈزەشكە ئەھمىيەت بەردى.

  ئوتلاق، ئورمان، ئېكولوگىيە، سۇلۇق يەر زور كۈچ بىلەن قوغدالدى.

  ئېكولوگىيەلىك سىستېما مۇقىم بولۇپ، جانلىقلار كۆپ خىللاشتى.

  بۇ يەردە ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق ئۆتۈپ، گۈزەل ئېكولوگىيە كارتىنىسىنى شەكللەندۈردى.

يېزىقىنى رەتلىگۈچى: شېڭ يۈەن
خام ماتېرىيال بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر: ۋېي زىيۈن، ئۇلار جانىمقان 

شىنخۇا تورىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى